مىللىي ئارمىيەگە 72 يىل: بىر پېشقەدەم جەڭچىنىڭ ئەسلىمىسى (1)

0:00 / 0:00

1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ، خەلقنى ئىنقىلابقا سەپەرۋەر قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان شۇنىڭدەك مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلىپ، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. مەزكۇر ئارمىيە دەسلەپتە 7 پىيادە ۋە ئاتلىق پولك، بەش مۇستەقىل ئاتلىق دىۋىزىيون ۋە بىر ئايرىم ئاتلىق ئېسكادروندىن تەركىب تاپقان ئىدى. ئەنە شۇ بەش مۇستەقىل ئاتلىق دىۋىزىيونىنىڭ بىرى مۇھاپىزەت دىۋىزىيونى بولۇپ، مەزكۇر قوشۇنغا سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوفىتسېرى، 1941-1944-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ كاپىتان دەرىجىلىك ئوفىتسېرى سۈپىتىدە ئۆز روتىسىغا قوماندانلىق قىلىپ، گېرمان ئارمىيىسىگە قارشى ئېغىر جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن مىرزىگۈل ناسىروف كوماندىرلىققا تەيىنلەنگەن ئىدى.

ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىن ئانچە يىراق ئەمەس تۈرگېن يېزىسىدا ياشاۋاتقان 89 ياشلىق نۇرمۇھەممەد سادىقوف ئەپەندى ئەنە شۇ مىرزىگۈل ناسىروف كوماندىرلىقىدىكى ئاتلىق مۇھاپىزەت دىۋىزىيونىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە 1945-يىلى،5-ئايدىن 1946-يىلى 7-ئايغىچە خىزمەت قىلدى ھەم ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدا بولدى.

نۇرمۇھەممەد ئاكا 1951-1954-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك ساقچى كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئەدلىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 1958-يىلى سوۋېت قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىگە كۆچۈپ بېرىپ، ئاشۇ تۈرگېن يېزىسىدا كالخوزچى بولۇپ، بىر ئۆمۈر باغۋەنلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەزكۇر رايوننىڭ كۆكەرتىش ۋە باغۋەنچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز كۈچىنى قوشتى.

ئۇيغۇر تارىخى ماتېرىياللىرى، جۈملىدىن 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ قىسمەتلىرى، مىللىي ئارمىيىنىڭ شانلىق مۇساپىلىرى ھەققىدىكى تارىخى ماتېرىياللارنى ئىزچىل قىزىقىپ ئوقۇپ كېلىۋاتقان ھەم بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىگە ئىگە نۇرمۇھەممەد ئەپەندى ئۆز كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئەسلىگىنىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى چېلەكتە تۇغۇلغانلىقىنى، كېيىن غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىپ، مەكتەپنى غۇلجىدا ئوقۇغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ئۇ،1945-يىلى، 4-ئايدا مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنى ماي ئېيىدا جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئىلى گىمنازىيەسىدە خەلقنى ئىنقىلابقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ ئۆزىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغانلىقىنى ئەسلىدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەلىخان تۆرىنىڭ سۆزلىرى كۈچلۈك قوزغىتىش رولىنى ئوينىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۆزلۈكىدىن پىدائىي بولۇپ، ئارمىيە سېپىگە قوشۇلدى ۋە ئۆزىمۇ ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن بولۇشىغا قارىماي، ھەربىي سەپكە قاتناشقان ئىدى. ئۇ، مۇھاپىزەت دىۋىزىيونىدا ئېلىپ بارغان 3 ئايلىق ھەربىي مەشىقلىرى ھەم باشقا ئەھۋاللار ھەققىدە ئەسلىدى شۇنىڭدەك مۇھاپىزەت دىۋىزىيونىنىڭ جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى، قاتتىق مەشىقتىن ئۆتكەن،ئايرىم ئاتلىق قىسىم ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىككى ئېسكادرون، بىر پىلىموت ۋىزۋوتى ۋە بىر مىناميوت ئوتدېلېنىيەسىدىن تەركىب تاپقانلىقى بايان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىى ئاڭلىغايسىز.