شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى ئېيتقان مارشلار
2019.11.07

بۇنىڭدىن 75 يىل ئىلگىرىكى، يەنى 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت گېربى، مۇكەممەل قانۇن-تۈزۈملىرى، دۆلەت ئاپپاراتلىرى، دۆلەت سىياسىتى، شۇنىڭدەك مۇنتىزىم زامانىۋى ئارمىيەسىگە ئىگە دۇنيانىڭ ئىلغار مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرگەنىدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېمنىنى ئىجاد قىلىش مەسىلىسى داڭلىق مۇزىكانتلار روزا تەمبۇر، زىكرى ئەلپەتتا ۋە باشقىلار تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان ھەم تۇتۇش قىلىنغان بولسىمۇ، تېخى ئاخىرقى قارار چىقىرىلمىغان بولۇشىغا قارىماي جەڭگىۋار ھەربىي مارشلار ۋە تۈرلۈك ھەربىي ناخشىلار تۇشمۇ-تۇشتىن ئىجاد قىلىنىپ، مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن ئورۇندالغانىدى.
مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى جەڭچى-ئوفىتسېرلارنىڭ ھەربىي پاراتلار، ھەربىي يۈرۈشلەر، ئۇرۇش مەيدانلىرى ھەمدە باشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بىر تۇتاش كوماندا بويىچە ھەربىي مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىشنى مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر مارشلار مىللىي قوشۇننىڭ جەڭگىۋار روھىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان. مىللىي ئارمىيە قانداق ھەربىي مارشلارنى ۋە ناخشىلارنى ئېيتقان ئىدى؟ مىللىي ئارمىيە ئېيتقان مارش ۋە ناخشىلارنىڭ بىر قىسىمى رەتلەنگەن ۋە خاتىرىگە ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۇنىڭ تولۇق ئېيتىپ بېرەلەيدىغان شاھىت قالمىغان بولۇپ، مىللىي ئارمىيە مارشلىرىنىڭ ئەسلى ئاھاڭلىرى بويىچە بىر قىسىم مارشلارنى مەرھۇم مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ھايات ۋاقتىدا، يەنى 2009-يىلى ئېيتىپ بەرگەنىدى.
مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئېيتىشىچە، قەھرىمان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى كوماندا بويىچە بىردەك مارش دەسسەپ ھەربىي مارشقا جۈر بولۇپ ماڭاتتى، شەھەر كوچىلىرىدىن جاراڭلىق مارش ناخشىلىرى بىلەن مارش دەسسەپ ئۆتكەندە پۈتۈن غۇلجا شەھىرى ئاھالىسى كوچىلارغا چىقىپ جەڭچىلەرگە گۈللەرنى چاچاتتى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋەتەننى ئازاد قىلىشى ئۈچۈن «ئامىن! ئامىن!» دەپ دۇئا قىلىشاتتى!
چوڭ ھەربىي پاراتلاردا مىللىي ئارمىيەنىڭ دۇخوۋوي، يەنى پۈۋلىمە چالغۇلاردىن تۈزۈلگەن مۇزىكا ئەترىتى تۈرلۈك مارشلارنى، ھەربىي مۇزىكىلارنى ئورۇنداپ، پارات كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرەتتى.
مەزكۇر ھەربىي مارشلاردا، ھەربىي ناخشىلاردا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ جەڭ قىلىشتىكى تۈپ نىشانى، مۇددىئاسى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئازادلىق كۈرىشى يولىدىكى باتۇر ۋە قەيسەر روھى ئىپادىلەنگەن.
مىللىي ئارمىيە ئېيتقان ناخشىلارنىڭ تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە «مىللىي قوشۇن بىز»، «خەلق ئەسكىرى»، «سالام رەھبىرىمىز» قاتارلىق ناخشىلار مارش تۈسىنى ئالغان بولۇپ، دائىم ئېيتىلغان.
مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئېسىدە قالغان «مىللىي قوشۇن بىز»، «سالام رەھبىرىمىز» ۋە «خەلق ئەسكىرى» ناملىق ناخشىلارنى ئورۇنداپ بەردى.
ئومۇمەن، ھەربىي مارش بىر ئارمىيەنىڭ روھى قىياپىتى، جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلىدىغان ۋە كۆتۈرىدىغان ھەم روھى ئوزۇق بېغىشلايدىغان مەنىۋى تايانچلاردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىمۇ ھەربىي مارش ۋە ناخشىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مارشلىرىنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بىر قىسمىنىڭ مۇزىكىسىنى كىم يازغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما بۇ مارشلارنىڭ تېكىستلىرىنى شائىر زەينىدىن سالىيوف قاتارلىقلار يازغان دېگەن قاراش بار. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا كۆپلىگەن ئۇيغۇر شائىرلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ خىزمەتكە قاتناشقانىدى.
«مىللىي قوشۇن بىز»، «سالام رەھبىرىمىز» ۋە «خەلق ئەسكىرى» شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر مارشلىرى بولۇپ، بۇنىڭدا مىللىي ئارمىيەنىڭ قەھرىمانلىقى، باتۇرلۇقى، پولاتتەك ئىرادىسى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى، ئانا ۋەتەننى باسقۇنچىلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىپ، دۈشمەننى كەلگەن يېرىگە قوغلىۋېتىشتەك تۈپ سىياسىي نىشانى ئەكىس ئەتكەن.
مىللىي ئارمىيە ناخشىلىرىنى خاتىرىلىگەن مەسۈمجان زۇلپىقاروف 1925-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان، 1944-يىلى، مىللىي ئىنقىلابقا قاتنىشىپ تاكى 1954-يىلىغىچە مىللىي ئارمىيە ۋە كېيىنكى 5-كورپۇستا ئىشلەپ، 1955-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن ھەم قازاقىستاندا مەشھۇر يازغۇچى سۈپىتىدە «يانار تاغلار»، «سەرراپ» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان تارىخىي رومان ۋە باشقا ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرۇپ، 2012-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە 87 يېشىدا ۋاپات بولغانىدى.