شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى سوۋېت رازۋېدچىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قالدۇرغان سىرى (2)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019-02-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى مەخپىي خادىمى، دوختۇر ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوف (1907-1992).
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى مەخپىي خادىمى، دوختۇر ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوف (1907-1992).
RFA

ھاكىم جاپپار، 1944-1949-يىللاردىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەقەلەرگە باغلىنىشلىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپىي خادىمىدۇر.

1942-يىلىنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىلىتارىست شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي تەسىرىنى چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزدى ۋە 1943-يىلىغا كەلگەندە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق تېخنىكلىرى، مەسلىھەتچىلىرى، ھەربىي خادىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى. سوۋېت ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى سىياسىي بيۇروسى 1943-يىلى، 4-ماي كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاش، شۇ ئارقىلىق شېڭ شىسەينى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قارار قىلدى. رۇسىيە تارىخچىسى ۋالېرىي بارمىن ئۆزىنىڭ «1941-1949-يىللىرىدىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ» ناملىق ئەسىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ھەر قايسى جايلاردا شېڭ شىسەيگە ۋە خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى مەخپىي تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا كىرىشكەن ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى، يەنى «رازۋېدچىكلىرى» نى ئىشقا سالغانىدى. بۇلار ئارىسىدا يەرلىك ئۇيغۇر، تاتار، قىرغىز، قازاق ۋە باشقا ھەر مىللەت ۋەكىللىرىمۇ بار ئىدى.

1942-يىلىنىڭ ئاخىرى سوۋېت ئۇيغۇر دوختۇرى ھاكىم جاپپارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرگە غۇلجادىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى ئاچقان دوختۇرخانىغا خىزمەتكە ئەۋەتىلىشى ئېنىق سىياسىي مەقسەتتىن چىقىش قىلىنغان ئىدى. ئۇ، ئاشكارا دوختۇرلۇق سالاھىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەخپىي سوۋېت دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئاتقۇردى. ئۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقلار ۋە قارشىلىقلار شۇنىڭدەك خەلقتىكى ئىدىيىۋى يۈزلىنىش قاتارلىقلارنى كۆزەتكەن ئىدى. 

ھاكىم جاپپار 1943-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1944-يىلىنىڭ بېشىدا غۇلجا شەھىرىدە «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى، ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخستۇر. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ 2003-يىلى ھايات ۋاقتىدا سۆزلەپ بېرىشىچە، ھاكىم جاپپار «ئازادلىق تەشكىلاتى» نى تەشكىللەشتىكى ئاساسىي كىشىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىپ، سوۋېت دوختۇرخانىسىغا داۋالانغىلى بارغاندا، ئۆزىنى داۋالىغان دوختۇر ھاكىم جاپپار بىلەن تونۇشۇپ، پىكىرلەشكەندىن كېيىن، ھاكىم جاپپارنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا كىرىشىدە رول ئوينىغانلىقى ۋە ئاخىرىدا «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئەسلەيدۇ. 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى مەرھۇم ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاكىم جاپپار 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئەلىخان تۆرىدىن تارتىپ، ئەخمەتجان قاسىمىغىچە بولغان ئاساسىي رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەردە بولغان. ئۇ سوۋېت تەرەپنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ تۇرغۇچى، ئوتتۇرىدىكى ۋاسىتىچى ئىدى. ھەتتا ئۇ ئەلىخان تۆرە بىلەن سوۋېت كونسۇلىنىڭ ئارىسىدا تەرجىمانلىق قىلىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئاتقۇراتتى.

ھاكىم جاپپارنىڭ مۇھىملىقى شۇكى، مەرھۇم تارىخچى ۋە مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ ھايات ۋاقتىدا 2013-يىلى ئەسلىشىچە، ئۇ 1960-يىللاردا قازاقىستاننىڭ داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى، سوۋېت ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا تارقىتىش ئۈچۈن چىقارغان «قازاق ئېلى» ژۇرنالىنىڭ باش مۇھەررىرى قادىر ھەسەنوفتىن ھاكىم جاپپارنىڭ ئەخمەتجان قاسىم قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئالمۇتىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان. دېمەك ھاكىم جاپپار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئالمۇتادىكى پائالىيەتلىرىدىمۇ بىرگە بولغان.

1946-1948-يىللىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولغان مەرھۇم سەيدۇللا سەيپۇللايېفمۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتىنى قۇرۇش مەسىلىسىدە ھاكىم جاپپارنىڭ ئۆزلىرىگە مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. 

ھاكىم جاپپار، غۇلجادا يەنە 6 ئايلىق تېببىي خادىملارنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىشى ۋە تېببىي مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش ئىشلىرىغىمۇ باشتىن ئاخىرى يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇ كۇرسلاردا ئۆزى دەرس بەرگەن. شۇڭا، ھاكىم جاپپارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا زىيالىيلىرى، رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدىكى تەسىرى يۇقىرى بولغان.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئېتنو-سىياسىي تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ھاكىم جاپپار گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ مۇھىم خادىمى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇيغۇر بولغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ۋە كۈچەيتىش ئىشلىرىغا باشتىن ئاخىرى قاتناشقانلىقى ھەم ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىق ۋە ئەركىن ھاياتقا قانداق تەلپۈنگەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى مىللەتپەرۋەرلىك تۇيغۇسى ئۈستۈن بولغان. يەنى ئۇ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان.

ھاكىم جاپپار، 1949-يىلى، 11-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى يەتكۈزۈلگەندە ۋە 1950-يىلى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسىتى ئېلىپ كېلىنىپ دەپنە قىلىنغاندا تېخىچە غۇلجىدا ئىدى. ماھىنۇر قاسىم خانىم «ئەخمەت ئەپەندىنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئەسىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا ئۇدۇل ھاكىم جاپپاردىن سورىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلىدۇ. بىراق، ھاكىم جاپپارنىڭ ئۇ چاغدا ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردار بولسىمۇ، بۇلارنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقى شەرت ئىدى ئەلۋەتتە! 

قىرغىزىستان-سلاۋىيان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى ھەققىدىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ، 1950-يىلى غۇلجىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ، قىرغىزىستاننىڭ فرۇنزا، يەنى ھازىرقى بىشكەك شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، قىرغىزىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ئالاھىدە دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن. دېمەك ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ مەخپىي سالاھىيىتى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، ھەقىقىي دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن ئىشلىگەن. 1957-يىلى، فرۇنزا شەھەرلىك بىرىنچى ماي رايونلۇق دوختۇرخانىنىڭ گىنېكولوگىيە بۆلۈمىنى قۇرۇپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان ۋە 1958-يىلى، باش ۋراچلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1970-يىلى پېنسىيىگە چىققان. ھاكىم جاپپار ئۇزۇن مەزگىللىك كېسەللىك سەۋەبىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنلا ۋاپات بولغان. ھاكىم جاپپار قىرغىزىستاننىڭ تېببىي ئىشلار تارىخىدىكى زور ھەسسە قوشقان ساناقلىقلا دوختۇرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ 1950-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «قىزىل يۇلتۇز» ئوردېنى بىلەن تەقدىرلەنگەن.

ھاكىم جاپپار 1960-1970-يىللاردىكى سوۋېت-خىتاي رەقىبلىك دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن، ئالمۇتادا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان «يېڭى ھايات» گېزىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇپ تۇرغان. ئاسىم باقى، «خۇنزىرلىق» ناملىق ئەسىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھاكىم جاپپار ئۆزى بىۋاسىتە قۇرۇلۇشىغا ۋە ئاخىرى يوقىتىلىشىغا شاھىت بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي قىسمەتلىرىگە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قىسمەتلىرىگە باشتىن ئاخىرى چوڭقۇر ئېچىنىش ھېسسىياتىدا ھەم ھەسرەتتە ئۆتكەن ئىكەن. سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى كاپىتانى، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرى كاندىدات دوكتورى مەرھۇم ئاسىم باقىنىڭ ئۆز ئەسىرىدە قەيت قىلىشىچە، شۇڭا ئۇ قەلبىدىكى بۇ سىرنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېتىشنى خالىماي، ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىپ قەلبىدىكى ئازابنى بوشاتقاندەك بولغان.

تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ھاكىم جاپپارنىڭ بۇ ۋەقەنى ئاسىم باقىغا سۆزلەپ بەرگەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇندۇر. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئۇنىڭدا مىللىي تۇيغۇ يۇقىرى بولغان، چۈنكى ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى، ئۇيغۇر دۆلىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىنى ئۆز كۆزى بىلە كۆردى، شۇڭا ئۇ چوڭ كۈچلەرنىڭ خەلقنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قانداق ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلگەن، يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا ئۇ ئاسىم باقى بىلەن ھەم ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگىمۇ ئىگە ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنە شۇ 1980-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىلگىرى ستالىن دەۋرىدىكى نۇرغۇن خاتا ۋەقەلەرنى ئاقلاش، سىرلارنى پاش قىلىش ئەۋجى ئالغان بولۇپ، بەلكى ئۇ بۇنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىن.

ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوف كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئىلى دىيارىدىن بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئىلىدا تۇغۇلغان ۋە 1881-1882-يىللىرى ئارىسىدا يەتتىسۇغا كۆچكەن ئۇيغۇرلاردىن ئىكەن. ئۇ، 1930-يىللاردا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى دوختۇرلاردىن بىرى ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت