موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەسىرىدىكى كۇچار قوزغىلىڭى

0:00 / 0:00


ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىكى مىللىي ئىستىقىلالىيەت ھەرىكەتلىرى ھەققىدە 19 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر تارىخچىلىرىمۇ بىر قاتار ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» ناملىق ئەسكىرى 1864 - يىلىدىكى كۇچار قوزغىلىڭىنى بىلىشتە ۋە ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشتە مۇھىم مەنبەدۇر.

مەزكۇر ۋەقەلەر ۋە مەنبەلەر ھەققىدە چەتئەل تارىخچىلىرى، جۈملىدىن رۇس تارىخچىلىرىمۇ كوپ ئىزدەنگەن ئىدى.

ئۇيغۇر تارىخچىسىدىن، ياش ئالىمە زۇلپىيە كەرىموۋا بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات قىلغان بولۇپ، ئۇ موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەسىرى بويىچە كۇچار قوزغىلىڭى ھەققىدە ئىزدەندى ۋە ئۇنىڭ بايانلىرى چەتئەل تارىخچىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ.

دىققىتىڭلار ئويغاننىڭ زۇلپىيە كەرىموۋا بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبەتتە بولغاي.