20 - ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابى ۋە تارىخچى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتى

0:00 / 0:00


2014 - يىلى، 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخچىسى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 49 - يىللىقى تولغان كۈن. كىچىكلىكىدىن بېرى مۇھەممەد ئىمى ن بۇغرانى تونۇيدىغان، بۇندىن 49 يىل ئىلگىرى ئەنقەرەدە بۇغرانىڭ دەپىن مۇراسىمىغا قاتناشقان ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.

ئەركىن ئالپتېكىن بۇندىن 49 يىل بۇرۇن، يەنى 1965 - يىلى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئەنقەرەدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى، ئۇ كۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر يول باشچىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ يالغۇزلا بىر سىياسەتچى ئەمەس، بەلكى قوزغىلاڭ رەھبىرى، شۇنداقلا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بارغان مۇھىم بىر رەھبەر ھەم تارىخچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.