نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف سوۋېت تۈزۈمىدىن قېچىپ غۇلجىدا ياشىغان ئىدى
2017.09.21

مەلۇمكى، 20-ئەسىردە يەتتىسۇنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى تىكلەش، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇش يولىدا كۆپ ئەمگەك قىلغان تەرەققىيپەرۋەر شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇنىڭ خەلقنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىشقا قارىتىلغان كۆپلىگەن شېئىرلىرى، ھېكايىلىرى، ماقالىلىرى «ئۇچقۇن»، «كەمبەغەللەر ئاۋازى»، «ياش ئۇيغۇر»، «بىرىنچى چامدام» غا ئوخشاش مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە «ئۇيغۇر بالىسى» تەخەللۇسى بىلەن مەلۇم بولغان ئىدى. ن. ئابدۇسېمەتوف يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشقا ئاكتىپ قاتناشقان دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېف بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ن. ئابدۇسېمەتوف يەتتىسۇ كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆلكىلىك بيۇروسى يېنىدىكى ئىلمىي ھەيئەتنىڭ ئەزاسى بولغان، كېيىنرەك ئا. روزىباقىيېف تەرىپىدىن ئۇنىڭ رەئىسلىكىگە تەۋسىيە قىلىنغان ئىدى.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پۈتكۈل سوۋېت ئىتتىپاقى مىقياسىدا ئەۋج ئالغان ستالىن سىياسىي تەقىپلەشلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرى يەتتىسۇدىمۇ قاتتىق بولدى. سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 1928-يىلى ياز ئېيىدا قوبۇل قىلغان «سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنى ئاياغلاشتۇرغىچە سىنىپىي كۈرەشنى كۈچەيتىش» نەزەرىيىسى ئاساسىدا مىڭلىغان ئىلغار پىكىرلىك شەخسلەر، ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى، زىيالىيلار، ھەربىيلەر، پارتىيە ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى «سوۋېتقا قارشى چىقتى» دېگەن ئەيىب بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلاندى، سۈرگۈن قىلىندى، ئېتىپ تاشلاندى. ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان تونۇلغان قازاقىستانلىق ژۇرنالىست يادىكار سابىتوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «قارا تىزىم»غا كىرگەنلەرنىڭ ئىچىدە ن. ئابدۇسېمەتوفمۇ بولۇپ، ئۇ تار مىللەتچىلىكتە ئەيىبلەنگەن، ئەمما دەل شۇ مەزگىلدە ئا. روزىباقىيېفنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە چىقىپ كېتىپ، ئامان قالغان. ي. سابىتوفنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ن. ئابدۇسېمەتوف بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ، يەنى 1918-ۋە 1919-يىللار ئارىلىقىدا غۇلجا شەھىرىدە بولغان ھەم بۇ يەردىكى خەلقنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. شۇ ۋاقتىدا ن. ئابدۇسېمەتوف ئۆزىنىڭ «مەزلۇم ياشلارنىڭ زارى» ناملىق شېئىرىنى يازغان.
ي. سابىتوف ن. ئابدۇسېمەتوفنىڭ 1929-يىلى ئۆز ئائىلىسى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ چىققاندىمۇ بۇ يەردىكى ئەھۋالنىڭ ئىلگىرىكىدەك پاجىئەلىك بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىگە ئوخشاش ئىلغار زاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ يەرنىڭ يېڭىچە مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكى مەلۇم. ئىستېداتلىق قەلەم ساھىبى، ئۆتكۈر مەرىپەتچى ۋە تارىخچى ئىمىنجان باھاۋۇدۇن ئائىلىسىدىن پاناھ تاپىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ ئوغلى ئابدۇشۈكۈر ئىمىن مۇنداق دەپ ئەسلەيدۇ: «كېڭەش ئىتتىپاقىدا زورلۇق بىلەن كوللېكتىپلاشتۇرۇش ۋە «كۇلاكلار» دەپ ئاتالغان ھاللىق دېھقانلارنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئەۋج ئېلىشى بىلەن تەڭلا 1928-يىلى رۇس مىللەتچىلىكى ۋە مىللىي مەنسەپپەرەسلىكى قانات يېيىپ، مىڭلىغان ئازسانلىق مىللەت زىيالىيلىرىغا ناھەق زەربە بېرىلىدۇ. شۇلارنىڭ قاتاردا كېڭەش ئۇيغۇر شائىرى، تارىخچىسى نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوف ناھەق قارىلىنىپ، قولغا ئېلىنىش ئالدىدا چاپچالغا قاراشلىق خونىخاي مازارغا ھازىرقى قازاقىستان تەۋەسىدىكى غالجاتتىن قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسى كۆچۈپ كەلگۈچە بىزنىڭ ئۆيدە پاناھلىنىدۇ. بۇ دەل دادام ئىمىنجان باھاۋۇدۇننىڭ «ئىلى تارىخىنى» يېزىۋاتقان مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ. «ئۇيغۇر بالىسى» نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوفنىڭ مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا دادامنى پاناھ تارتىپ كېلىشى پۈتمەس-تۈگىمەس خۇشال قىلارلىق ئىش ئىدى. دادام بۇ مۇبارەك زات بىلەن تارىخ تەتقىقاتى ھەققىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىش، ئۇنىڭ «ئىلى تارانچى تارىخى» ناملىق ئەسەرىدىكى تەپسىلاتلاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ».
ي، سابىتوفنىڭ دېيىشىچە، ن. ئابدۇسېمەتوف يۇرتداشلىرى بولغان غالجاتلىقلار كۆپرەك كۆچۈپ كەلگەن جاغىستاي يېزىسىغا ئورۇنلاشقان. ئۇ مەزكۇر يېزىدا ياشاۋاتقان چاغلىرىدا «خۇشتۇرمەن» ناملىق داستاننى، «دېلمۇك تاغ باغرىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرى» ناملىق ماقالە ۋە باشقىمۇ ئەمگەكلەرنى يازغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ئۇ بۇ يەردە «بىرلىك» مەكتىپىنى قۇرۇش ئىشىنىڭ تەشەببۇسكارى بولغان ھەم ئۇنىڭغا ماددىي جەھەتتىنمۇ ياردەم كۆرسەتكەن. 1940-يىللاردىن تارتىپ «بىرلىك» مەكتەپ سەھنىسىدە شائىرنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «نۇزۇگۇم» ۋە «ئوماق بىلەن ئامراق» ناملىق ئەسەرلىرى سەھنىلەشتۈرۈلىدۇ. ن. ئابدۇسېمەتوف جاغىستاي ئاھالىسىنى نادانلىقتىن، خۇراپىيلىقتىن ئويغىتىش، يېڭىلىققا، پەن-مائارىپقا باشلاش يولىدا كۆپ ئەمگەك قىلغان ئىدى.
ي. سابىتوف سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار دىيارىدا 1944-يىلى مىللىي-ئازادلىق ئىنقىلابى پارتلاپ، گومىنداڭ خىتاي ھاكىمىيىتى ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدە غۇلىتىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1948-يىلى سېنتەبىردە ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى جاغىستايغا قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ. شۇ چاغدا مەخسۇس نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوفنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ۋە كىشىلەر ئالدىدا نەزەرغوجىنى «مېنىڭ ئۇستازىم» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئەخمەتجان قاسىمى نەزەرغوجىنىڭ ھەمراھلىقىدا جاغىستايدىكى «بىرلىك» مەكتىپىنى زىيارەت قىلىدۇ ھەم مەزكۇر بىلىم دەرگاھىغا «كىشىلىك جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىنىڭ مېھنىتىدىن ئۇلۇغ مېھنەت يوق» دېگەن بېغىشلىمىنى يېزىپ قالدۇرىدۇ. شۇنداقلا مۇشۇ ئۇچرىشىشتا ئە. قاسىمى نەزەرغوجىغا ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىش ئىلتىماسىنى قىلغان. بەزى خەۋەردار كىشىلەرنىڭ تەكىتلىشىگە قارىغاندا، نەزەرغوجا ئابدۇسېمەتوف ئۇيغۇر تارىخىنى يېزىپ، ئەخمەتجان قاسىمىغا تاپشۇرغان. لېكىن بۇ قوليازمىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى توغرىلىق مەلۇمات يوق».
بىز ن. ئابدۇسېمەتوفنىڭ ئالماتا شەھىرىنىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان كۈيئوغلى مەخسۇت ئىبراھىموفقا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا ئۇ ن. ئابدۇسېمەتوفنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاياتى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.