«قەشقىرىنىڭ تارىخچى نەۋرىسى رېشات گەنچ ماقالىلار توپلىمى» ناملىق كىتاب ئەنقەرەدە نەشىر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.05.25
qeshqeri-tarixchi-newrisi-reshat-gench.jpg «قەشقىرىنىڭ تارىخچى نەۋرىسى رېشات گەنچ ماقالىلار توپلىمى» ناملىق كىتاب
RFA/Erkin Tarim


قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. رېشات گەنچكە ئاتاپ «قەشقىرىنىڭ تارىخچى نەۋرىسى رەشات گەنچ ماقالىلار توپلىمى»ناملىق كىتاب ئەنقەرەدە نەشىر قىلىندى. تۈركىيە تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. مەمەت شاھىنگۆز قىلغان كىتابغا ئۇيغۇر ۋە قاراخانىلار مەزگىلىگە ئائىت 20 پارچە ماقالە كىرگۈزۈلگەن.

پروف. در. رېشات گەنچ ئەپەندىنىڭ «قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» ناملىق كىتابى 1990 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر كىتابنى تۇرسۇناي ساقى بىلەن تۇرسۇن ھوشۇر تەرجىمە قىلغان بولۇپ، ئەسەردە قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ دۆلەت تۈزۈمى بايان قىلىنغان. رېشات گەنچ ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە قاراخانىلار مەزگىلىگە ئائىت كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالىلىرى نەشىر قىلىنغان.

ئۇنداقتا پروف. در. رېشات گەنچ ئەپەندى كىم؟

رېشات گەنچ 1941 - يىلى تۈركىيە يوزغات ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1955 - يىلى ئۇ، ئۆز ناھىيىسىدە مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قەيسەرىدە پىنارباشى ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1961 - يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ - جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ئوقۇشقا باشلىغان.

1974 - يىلى مارتتا، ئۇ، «تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ مۇئەللىپى مەخمۇت قەشقىرىنىڭ قارىشىچە 11 - ئەسىردىكى تۈركىي ئەللىرىنىڭ سىياسىي، ئېتنىك، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھالىتى» دېگەن دېسسىرتاتسىيە بىلەن ئەدەبىيات دوكتورۇلۇق ئۇنۋانى ئالدى.

«قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» ناملىق كىتابى بىلەن 1980 - يىلى ئاپرېلدا دوتسېنت بولدى. 1986 - يىلى نويابىردا پروفېسسور بولدى. 1986 - يىلى دېكابىردا غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ، يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرلىك تارمىقىدىكى ئاتاتۈرك كۈلتۈر، تىل ۋە تارىخ يۈكسەك تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ۋە تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستاندىكى ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇدىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

پروف. در. رېشات گەنچنىڭ قاراخانىلار تارىخىنى تەتقىق قىلىشقا قوشقان تۆھپىسى نېمە؟ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان «قاراخانىلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى» ناملىق كىتابى ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىلار تارىخى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇشقا قانداق تۆھپىلەرنى قوشقان؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.