ئۇيغۇر شاھزادە قۇرىچورنىڭ قەبرە تېشىغا يوشۇرۇنغان تارىخىي سىرلار (2)

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2013-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكتور ئابلەت سەمەت تۇنجى بولۇپ ئوقۇپ چىققان قۇرىچور تېكىننىڭ قەبرە تېشىدىكى قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقى بىلەن يېزىلغان تېكىست ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى يەشمىسى

سوئال: ھۆرمەتلىك ئابلەت سەمەت، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ شاھزادىسى قۇرىچور تېكىننىڭ قەبرە تېشى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنى داۋام قىلساق. سىزچە شى’ئەندىن، يەنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان چاڭئەندىن قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئۇيغۇرچە قەبرە تېشىنىڭ بايقىلىشى بىر يېڭىلىقمۇ؟ بۇ خىل يېزىقتىكى يادىكارلىقلارنىڭ ئورخۇن - يېنىسەي ۋادىسىدا بايقالغىنىغا 100 يىللاردىن ئاشتى. سىزنىڭ بىلىشىڭىزچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئەجدادلىرى ياشىغان تۇپراقلاردا يەنە بۇ خىل يېزىقتىكى يادىكارلىقلىرىمىز بايقالدىمۇ؟

جاۋاب: ھازىرغىچە بولغان ئەھۋالدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىن ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى شاھزادىسىنىڭ قەبرە تېشىنىڭ بايقىلىشى، بولۇپمۇ مەزكۇر قەبرە تېشىغا ئويۇلغان قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقىدىكى ئۇيغۇرچە تېكىستنىڭ بولغانلىقى كىشىنى تولىمۇ خوشال قىلىدىغان بىر ئىش. ھەممىمىزگە مەلۇم، 1893 - يىلى قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارنى ئوقۇشنىڭ سىرى ئېچىلغاندىن بۇيان توپ - توغرا 120 يىل ۋاقىت ئۆتتى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مۇشۇنداق بىر قەبرە تاشنىڭ بايقالغانلىقى بىزگە بۇ خىلدىكى يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋە ھەرقانداق جايدا تېپىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ داۋاملىق بايقىلىدىغانلىقىغا ۋە بىر قىسىم تارىخىي سىرلارنىڭ جاۋابىنىڭ ھامان يېشىلىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار بولۇشىمىز كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقىدىكى يادىكارلىقلارمۇ بايقالماقتا. مەسىلەن، يېقىندا پېتىر زېمى ئەپەندى جىمىسار ئەتراپىدىن تېپىلغان تۈرك - رۇنىك يېزىقىدىكى بىر تاش پۈتۈكنى ئوقۇپ چىقتى. ئۇندىن باشقا يەنە قىزىل مىڭ ئۆيلىرىنىڭ تام رەسىملىرى ئارىسىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقىدا يېزىلغان خەتلەرمۇ بايقالدى. بۇ ھال قەدىمكى يادىكارلىقلىرىمىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاياق ئىزلىرى بېسىلغانلىكى رايونلاردىن داۋاملىق تېپىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.بىنىڭ ھامان ي ۋاقىتتا ۋە ھەرقان ۋاقىتتا يەنە قەدىمكى تقەدىمكى ئۇيغۇر يىم تارىخي سىرلارنىڭ جاۋابىنىڭ ھامان ي ۋاقىتتا ۋە ھەرقان

سوئال: ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ شاھزادىسى قۇرىچور تېكىننىڭ ئىككى خىل يېزىقتىكى قەبرە تېشىنىڭ بايقالغانلىقى مەيلى تارىخشۇناسلىق ياكى بۈگۈنكى ئىلىم نۇقتىسىدىن بولسۇن، كەڭ جامائەتچىلىككە نېمىلەردىن ئۇچۇر - بىشارەت بېرىدۇ دەپ ئويلايسىز؟

جاۋاب: بۈگۈنكى كۈندە تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بولغان چاڭئەن شەھىرىنىڭ خارابىسىدىن قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقىدا خەت يېزىلغان ئۇيغۇر شاھزادىسى قۇرىچورنىڭ قەبرە تەشىنىڭ بايقىلىشى ھېچ ئويلىمىغان يەردىن ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى تارىخىغا دائىر ئىلگىرى قېلىپلىشىپ قالغان بىر قىسىم كۆزقاراشلار ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشىمىز لازىملىقىدىن دالالەت بەرمەكتە.

سوئال: ھۆرمەتلىك ئابلەت، سىز ھازىرغا قەدەر قۇرىچور تېكىننىڭ قەبرە تېشىدىكى قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئۇيغۇرچە تېكىستنى تۇنجى بولۇپ ئوقۇغان كىشى بولۇپ قالدىڭىز. ئەمدى مەزكۇر قەبرە تېشىدىكى خىتايچە تېكىستنىمۇ ئوقۇپ كۆردىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئوقۇپ كۆرگەن بولسىڭىز ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تەقدىم قىلغان بولسىڭىز؟

جاۋاب: قۇرىچور تېكىننىڭ قەبرە تېشىدىكى خەنزۇچە تېكىستنى ئوقۇپ چىقتىم. ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن شەرھىلىگەندە مۇنداق بولىدۇ: «بۇ ئۇيغۇر شاھزادە، يەنى ئوڭ قول مۇھاپىزەتچى ياكى قوغدىغۇچى گېنېرال قۇرىچور تېكىننىڭ قەبرە تېشى تەزكىرەسىدۇر. بىرىنچى بۆلۈم كىرىش قىسمىدۇر، خەتنى ئويغۇچى (ئىش بېجىرگۈچى) كاتىبات بۆلۈمىنىڭ ئەنگە ئالغۇچىسى، يەنى قىزىل رەڭلىك بېلىق خالتىسى ئاسقان فېيشۇدۇر. ئۇيغۇر قۇرىچور تېكىن قاغان ئەۋلادلىرىدىندۇر.( ……). دۆلىتىمىز ئاسىي ئەمەلدار ئەنلۇشەن، يەنى روشەننىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتتى. شاھزادىنىڭ ئاتىسى چابىش تېكىن ئاتلىق قىسىملارنى يېتەكلەپ، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى جەڭ مەيدانلىرىدا بۈيۈك خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى (……..) ۋە ناھايىتى ياخشى كۆرۈشكە ھەمدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىدى. ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا كەلگەن ئىدى. چەتئەللىك قىسىملارنىڭ سەركەردىلىرى ئىچىدە، يەنى چەتئەللىك گېنېراللار ئىچىدە ناھايىتى شەرەپلىك ئۇتۇقلارغا مۇيەسسەر بولغان ئىدى. زھېنگۋەن (………) يىلى، يەنى مىلادىيە 795 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئەمدىلا 20 ياشتا ئىدى. بۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چاڭئەننىڭ جاڭدۇ دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىندى. ئۆز ئاكىسى ئاپرىنچور تېكىن ھەمدە قەبىلە تەۋەلىكىدىكى باشقا كاتتىلار قاتتىق قايغۇ ئىچىدە مەزكۇر دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى. مىيىتنى ئۇزاتقاندا نۇرغۇن زىبۇ - زىننەتلەر (………) مۇ بار ئىدى. خان يارلىقىغا ئاساسەن، ماتەم مۇراسىمىنىڭ ھەممە قائىدە - يوسۇنلىرى ۋە پائالىيەتلىرى تولۇقى بىلەن بىجا كەلتۈرۈلدى. ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولدى، ئالەمدىن كەتتى. شۇ ۋەجىدىن مەزكۇر قەبرە تېشى تەزكىرىسى تىكلەندى. ئاھ، چەتئەللەرنىڭ شاھزادىسى ئىدى! قەيسەر، جەسۇر ۋە قەھرىمان بىرى ئىدى! تۇغۇلۇش دېگەن باشلىنىش دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ ئۆلۈم دېگەن ئاخىرلىشىش دېگەنلىك ئەمەسمۇ!؟ ئاھ، تەڭرى (روھ) ئەجەبمۇ پەرقلىق مۇئامىلە قىلدى! …». بۇ مېنىڭ ھازىرچە تەرجىمە قىلغانلىرىم. كېيىنچە داۋاملىق بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارماقچىمەن.

سوئال: بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ شاھزادىسى قۇرىچور تېكىننىڭ ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن نەۋقىران مەزگىلىدە تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەندە تۇيۇقسىزلا قازا قىلىشى تاسادىپىيلىقمۇ ياكى ئۇنىڭغا قانداقتۇر بىر سىر يوشۇرۇنغان دەپ قارامسىز؟

جاۋاب: مېنىڭ قەبرە تېشىدىكى خەنزۇچە ۋە قەدىمكى تۈرك - رۇنىك يېزىقىدىكى تېكىستلەرنى ئوقۇپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمدىن قارىغاندا، بۇ تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئۆلۈم ۋەقەسى ئەمەس، بەلكى بىر يوشۇرۇن سۈيقەستكە مۇناسىۋەتلىك ئىشتەك كۆرىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ھۆكۈمنى تېخىمۇ كۆپ دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ دەۋردە ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ سىياسىي مۇناسىۋەتمۇ بىزنىڭ بۇ پەرەزنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا بوشلۇق بېرىدۇ.

سوئال: قەبرە تاشتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرىچور تېكىن مىلادىيە 795 - يىلى 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چاڭئەندە تۇيۇقسىزلا قازا قىلغاندىن كېيىن مىيىت قائىدە بويىچە ئۇيغۇر قاغانلىقىغا قايتۇرۇلمىغان. ئارىدىن 17 كۈن ئۆتكەندە، يەنى شۇ يىلى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چاڭئەندىكى تاڭ سۇلالىسى خانلىق قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. بۇنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟

بۇمۇ مەزكۇر قەبرە تېشىغا يوشۇرۇنغان سىرلارنىڭ بىرىدۇر. سىزگىمۇ مەلۇم، ئەمدىلا 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قۇرىچور تېكىن چاڭئەندە تۇيۇقسىزلا قازا قىلغاندىن كېيىن مىيىت ئورخۇن ۋادىسىغا قايتۇرۇلمىغان. ئارىدىن 17 كۈن ئۆتكەندە، يەنى ئورخۇن قاغانلىقىدىن ئاپرىنچور تېكىن باشچىلىقىدا بىر ئۆمەك چاڭئەڭە يېتىپ كەلگەندە ناھايىتى ھەيۋەتلىك دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ يەرلىككە قويۇلغان. تاش پۈتۈكنىڭ خەنزۇچىسىدىكى بايانلارنىڭ تەپسىلىي بولۇشى ۋە ئۆلگۈچىگە بولغان مەدھىيىلەرنىڭ تولىمۇ ئۇزۇن بولۇشى، ئۇيغۇرچىسىنىڭ قىسقا ھەم ھېسسىياتنىڭ سۇس بولۇشى بىزگە بۇ جەھەتتە بىر سوئال بەلگىسى تاشلايدۇ. بەلكىم تاڭ سۇلالىسى سۈنئىي رەۋىشتە كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ سۈيقەستنىڭ ئاشكارا بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇر شاھزادىسىنىڭ مىيىتىنى ئورخۇن ۋادىسىغا قايتۇرمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باشقا مەنبەلەر بىلەن دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.

سوئال: ئاخىرىقى بىر سوئال، قۇرىچور تېكىننىڭ قەبرە تېشىنىڭ بايقىلىشى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە بۈگۈنكى رېئالللىقىمىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايسىز؟

جاۋاب: ئۇيغۇر تىل يېزىقى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مائارىپ ئورۇنلىرى ۋە باشقا ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىشتىن قالغان ھەمدە جىددىي خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بىر شارائىتتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەندىن ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە پاراللېل قىلىپ خەتلەر ئويۇلغان بىر قەبرە تېشىنىڭ تېپىلىشى بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ھېس قىلدۇرماقتا: قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئۆز تۇپرىقىدا ئۆز تىل - يېزىقىنى ھەر ۋاقىت قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقىلارنىڭ تېررىتورىيىسىگە بارغان ۋە ۋاقىتلىق ياشىغان مەزگىللىرىدىمۇ ئۆز تىل يېزىقىنى باشقىلارنىڭ تىل - يېزىقى بىلەن باراۋەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ بۈگۈنكى رېئاللىقىمىز ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى بىر ئۆرنەك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت