ئۇيغۇر گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقانلىقىغا دەل 4 يىل بولدى.
ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى گېنېرال رىزا بېكىننىڭ ھاياتىغا باھا بېرىپ، مەرھۇمنىڭ 85 يىللىق ھاياتىنىڭ ئۇتۇقلار بىلەن تولغان، شەرەپلىك بىر ھايات ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ، 50 ياشتا تۈركىيە ئارمىيىسىدىن گېنېراللىق ئۇنۋانى بىلەن پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئەمدى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلەيمەن دەپ 1986 - يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن ئۆپكە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2010 - يىلى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. 85 ياشتا ۋاپات بولغان مەمەت رىزا بېكىننىڭ بىر قىزى، بىر ئوغلى بار ئىدى.
مەرھۇم گېنېرال مايور مەمەت رىزا بېكىن 1925 - يىلى خوتەن شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 9 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ، بىر نەۋرە ئاكىسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن. ئۇ، 1938 - يىلى ئىستانبۇل مالتەپە ھەربىي ئورتا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان، 1944 - يىلىدىن 1948 - يىلىغىچە تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مەكتىپىدە ئوقۇغان.
مۇھەممەد رىزا بېكىن، 1950 - يىلى كورىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ئۇرۇش قىلغان. ئۇ 1949 - يىلى گېرمانىيىدە، 1953 - يىلى ئامېرىكىدا ھەربىي ئاخبارات توپلاش كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 1954 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى ئاخبارات توپلاش ئىدارىسىدا مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1973 - يىلى گېنېرال مايور بولغان مەمەت رىزا بېكىن تۈرك ئارمىيىسىدە ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىدى.
ئۇزۇن يىللار مۇھەممەد رىزا بېكىن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن پروفېسسور سۇلتان ماھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىننىڭ پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، گېنېرال رىزا بېكىن 1977 - يىلى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن بىر مەزگىل تۈركىيە باش مىنىستىرلىكىدە ئىشلىگەن. ئۇ، 1986 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغاندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ تۈركىيىدە ئوقۇتۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىرغىچە كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركىيىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. گېنېرال مەمەت رىزا بېكىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ساھىپخانلىقىدا 1992 - يىلى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مىللى قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇ غۇلجا ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان مىللى مەركىزىنى قۇرغان. ئۇ يەنە سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللى قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىگەن ئىدى.
ئۇ يەنە ئۇزۇن يىللار مەركىزى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى راببىتۇل ئالەمىن ئىسلام تەشكىلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.
گېنېرال رىزا بېكىن دائىم ئۇيغۇرلارغا «مەن 1977 - يىلى پېنسىيىگە چىققىچە بولغان ئارىلىقتا تۈرك ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم. پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمەن» دەيتتى. ئۇنىڭ ھاياتى ھېرىش - چارچاشنى بىلمەي ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان بىر ھايات. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن.
گېنېرال مۇھەممەد رىزا بېكىن بىلەن 26 يىل بىرگە ئىشلىگەن پروفېسسور دوكتور سۇلتان ماخمۇت قەشقەرلى گېنېرالنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00