دوكتور ئەركىن ئەكرەم: « شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنىرگىيە قۇلۇبى ئىسمى بار، جىسمى يوق تەشكىلات»

0:00 / 0:00

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆزبەكىستان زىيارىتىدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ ئايروپىلاندا بەرگەن، تۈركىيە شاڭخەي ئىش بىرلىكى تەشكىلاتىغا نېمىشقا كىرمىسۇن؟ دېگەن باياناتى تۈركىيەدە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۈركىيەگە تۇنجى ۋەزىپىنى بەردى. تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولماي تۇرۇغلۇق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنېرگىيە قۇلۇبىنىڭ 2017-يىللىق باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. بۇ ئېنېرگىيە قۇلۇبى رەئىسلىكىنىڭ تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان بىر دۆلەتكە بېرىلىشى ئىكەن.

شاڭخەي ئېنېرگىيە قۇلۇبى 2012-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ 12 ئەزاسى بار ئىكەن. رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي، قازاقىستان ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر مەزكۇر قۇلۇپقا ئەزا دۆلەتلەر ئىكەن. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت رەئىسى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىن كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە ئېنېرگىيە قۇلۇبىنىڭ ئۆتكەن يىلقى يىغىنىدا بۇ ھەقتە قارار ماقۇللانغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنېرگىيە قۇلۇبى باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان دۆلەت بىر يىل بويىچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىنى بەلگىلەش ۋە ئورتاق مالىيە مېخانىزمىنىڭ قۇرۇلۇشىدا، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېنىرگىيەگە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى تەشكىللەشتە زور ھۇقۇققا ئىگە ئىكەن. تۈركىيە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئېنىرگىيە قۇلۇبىنىڭ رەئىسلىكى ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن.

تەتقىقاتچى يازغۇچى ئەردوغان ئەپەندى شاڭخەي ئىش بىرلىكى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىرى دىكتاتورلۇق تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، بۇلاردا ئىنسان ھەقلىرى يوقلۇقىنى، بۇنداق بىر گۇرۇھقا ئەزا بولۇشنىڭ تۈركىيەگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: « ئەگەر بىز، دېموكراتىيەگە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەت بولىمىز دەيدىكەنمىز، خەلقئارا ئىتتىپاقلارغا ئەزا بولۇشتا بۇنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بىر يەردە تۇتۇۋاتقان نەرسە دىكتاتور رۇس ئۇسۇلى، خىتاي ئۇسۇلى. ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق، ئۆكتىچىلەر تۈرمىگە تاشلىنىدىغان بىر تۈزۈمدۇر. بۇنداق نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغان لىدەرلەرنىڭ خالايدىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا تۈركىيە ئەگەر دېموكراتىيەنى خالايدىكەن، ياۋوپا بىرلىكىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك.»

تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە ھەر قېتىم غەرب ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى دەپ قويىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇزۇن يىلدىن بېرى غەرب ئەللىرى بىلەن پۈتۈنلىشىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەنى ئېنىرگىيە قۇلۇبىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلىشىنىڭ، يېڭى يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىسمى بار، جىسمى يوق بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچى دىئالوگ شېرىكىدۇر.