داۋىد بروفى: خىتاي كومپارتىيەسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن قالغان رەھبىرى كادىرلارغا ئىشەنمىگەن
2018.01.11

1949-يىلى، 8-ئايدا، 1944-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقىلارنىڭ قازاسى، 10-ئايدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرگۈزۈلۈشىدىن كېيىن 8 يىل ئۆتۈپ، 1957-1958-يىللىرى خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ بارغان «ئېچىلىپ سايراش» ۋە «ئوڭچىللىققا قارشى كۈرەش» تىن ئىبارەت كەڭ چوڭ كۆلەمدىكى سىياسىي ھەرىكىتى تەركىبىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش» ھەرىكىتى قوزغىدى.
1957-يىلى 16-دېكابىر كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن جەمئىي 381 ئادەم، يەنى 261 مىللىي كادىر، 120 نەپەر خىتاي كادىر قاتناشقان كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىرىلىپ، مەخسۇس مىللىي رەھبىرىي كادىرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار ئارىسىدىكى مىللەتچىلىك خاھىشلىرى پاش قىلىنىپ، قاتتىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىندى. مەزكۇر ئەيىبلەش ۋە مۇنازىرە تۈس ئالغان يىغىن 6 ئاي داۋاملىشىپ، ئاخىرى 1958-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاخىرلاشتى شۇنىڭدەك زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئابدۇرېھىم سەئىدى، سەيدۇللا سەيپۇللايېف، مۇھەممەدىمىن ئىمىنوف، ئابلىز قارى، ئەسھەت ئىسھاقوف ۋە باشقا بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك مىللىي كادىرلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ياكى «ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش»، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق رەھبىرى ھوقۇقلارنى مىللىي كادىرلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈش ۋە باشقا بىر قاتار سىياسىي ھوقۇق تەلەپلىرى « مىللەتچىلىك قىلمىشلىرى» دەپ ئەيىبلىنىپ، ئۇلارغا خىزمىتىدىن ۋە پارتىيەدىن ھەيدەش ھەم جازالاش چارىلىرى كۆرۈش قارارى ئېلان قىلىندى. ئارقىدىنلا 1958-يىلى، 14-ماي كۈنى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە«ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئىستىل تۈزىتىش پىلانى» ئېلان قىلىنىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئاتالمىش «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە قارشى ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت دولقۇنى قوزغىلىپ، بۇ ھەرىكەت تاكى 1959-يىل، 3-ئايغىچە داۋاملاشتى. خىتاي رەسمىي مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مەزكۇر ھەرىكەتتە مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر بولغان 1612 ئادەم «يەرلىك مىللەتچى» سۈپىتىدە جازالاندى. لېكىن، ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى بۇ ساننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلىدۇ.
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك سىياسىي تازىلاش ھەرىكەتلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان بۇ ۋەقەنىڭ 60 يىللىقى توشقاندا ئامېرىكىدىكى ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ جەريانى، ئۇنىڭ سەۋەب-ئامىللىرى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 9 پارچە مەخپىي ھۆججىتىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر ھۆججەتلەرنى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى، 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە كىتاب ۋە ماقالىلەر ئاپتورى، داۋىد بروفى ئەپەندى رۇسچىدىن ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلدى. ئۇيغۇر، خىتاي ۋە رۇس تىللىرىغا پۇختا پروفېسسور داۋىد بروفى ئەپەندى يەنە ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ تورىدا 1957-1958-يىللىرىدىكى مەزكۇر ھەرىكەت مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىزنىڭ بىر قاتار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ئالدى بىلەن سوۋېت ئارخىپ ماتېرىياللىرىنىڭ 1957-1958-يىللىرىدىكى مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ جەريانى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ ھەم ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ ئىدىيەسى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى شەرھلىدى.
پروفېسسور داۋىد بروفى خىتاي كومپارتىيەسى نېمە ئۈچۈن 1957-1958-يىللىرى مىللىي كادىرلارغا، زىيالىيلارغا قارىتا« يەرلىك مىللەتچىلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيەسىدىكى ئۇيغۇر رەھبىرى كادىرلار ۋە زىيالىيلارنى ئاتالمىش« يەرلىك مىللەتچى» قالپىقى ئاستىدا تازىلاشقا باشلىدى؟ دېگەن مەسىلىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق مىللىي كادىرلاردىكى خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلارنى، تەنقىدلەشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقى، ھەتتا قورققانلىقى، شۇڭا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1957-1958-يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتا كەسكىن بىر كۈرەش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئارخىپى ئېچىلمىغىچە ئەينى ۋاقىتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى مۇزاكىرىلەرنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش كېرەك.
پروفېسسور داۋىد بروفىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ 1921-1940-يىللىرى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشىدىن ۋاز كەچكەن بولۇپ، شۇڭا 1950-يىللاردا ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ياكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بېرىشنى يولغا قويمىغان، يەنە بىر تەرەپتىن 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن قالغان مىللىي رەھبىرى كادىرلارغا ئىشەنمىگەن بولۇپ، ئەگەر مۇنداق جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بەرسە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغان.