سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە: خانىش بولۇش چۈشى ۋە ئوسمان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمى(3)
2014.02.09

ياپونىيىلىك مۇسۇلمان ئايال سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنەنىڭ «يېقىلغان خانىش» ناملىق تارىخىي ئەسلىمە ئەسىرىدىكى «خانىش بولۇش چۈشى» دېگەن بابىنىڭ «نەنجىڭغا بېرىش بۇيرىقى» سەرلەۋھىلىك بۆلىكىدە ئامىنە ئۆزىنىڭ نەنجىڭگە بېرىشى سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:
مەن شېنياڭدىن توكيوغا قايتىش توغرىسىدا ھاياشى سەنجىروغا يازغان خېتىمگە ئۇنىڭ ماڭا يازغان جاۋاب خېتىنى 11 - ئايدا تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ،لىپاپا ئىچىگە بەش يۈز يۈئەنلىك پۇل چېكى سېلىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ جاۋاب خېتىنى ئوقۇپ تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم. ئۇ،خەتتە ماڭا مۇنداق دېگەن - ئىدى؛ «سەن ياپونىيىگە قايتالمايسەن. چۈنكى، ئوسمان سەن بىلەن توي قىلىشنى ئۈمىد قىلىپ سېنىڭ جاۋابىڭنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ.سەن ئۇنىڭ تەكلىپىگە قوشۇل.بۇ سەن ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ۋەزىپە.بۇ شۇنداقلا بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ساڭا قويۇۋاتقان تەلىپى شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى بۇ بىزنىڭ شەرقتىكى تىنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيە سىياسىتىمىز. سەندە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا يىتەرلىك كۈچ ۋە قابىلىيەت بار.بىز بۇ ئارقىلىق مەقسىتىمىزگە يېتەلەيمىز.سەن تولىمۇ زېرەك قىز،مېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىمنى ئوبدان چۈشۈنىسەن. بىز ئاللىقاچان نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلەشتۇق.سېنى بىر قانچىلىغان خادىم شېنياڭدىن نەنجىڭگە ئېلىپ ماڭىدۇ»دېيىلگەن. مەن ھاياشى سەنجىرو بىلەن خەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقاندىن كېيىن بەلكىم ئەركىنلىككە چىقىشىم مۈمكىن دەپ ئويلىغان بولساممۇ،لېكىن ئاخىرى ئۆزەمنىڭ يەنىلا بىر مەھبۇس كەبى ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم.مېنىڭ ھاياشى سەنجىرودىن باشقا ھېچكىم بىلەن ئالاقەم يوق ئىدى.ئۇندىن باشقا مەن بىلىدىغانلاردىن ئوكادا ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ ئوفىتسېرى بولۇپ يوكاياما ئەپەندىم بىلەن يوكاياما خانىم گەرچە مەندىن ئەنسىرىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلغۇدەك ھېچقانداق كۈچى يوق ئىدى. مەن بۇ يەردە قانچە ئويلىنىپ، قانچە قىلساممۇ، ھېچنېمە قىلالمايتىم. مەن ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە تەربىيلەنگەنلىكىم ئۈچۈن تەقدىرگە بويسۇنۇشتىن باشقا ئىلاجىم يوق دەپ ئويلايتىم. مەن تەقدىرىمنىڭ نېمە بولۇشىنى بىلمەيتىم.بۇ نېمە دېگەن ئەچىنىشلىق ھال ھە!مەيلى نېمىلا بولمىسۇن مەن نەنجىڭگە قايتىشىم كېرەك ئىدى.شۇڭا مەن شېنياڭدىن ئايرىلىپ نەنجىڭغا قاراپ يولغا چىقىتم. مەن جىنەنگە كەلگەندە پويىزدىن چۈشۈپ قىلىپ بۇ يەردە ساياھەت قىلدىم. كېيىن يەنە پويىزغا چىقىپ نەنجىڭغا قاراپ يول ئالدىم.پويىزدىن سىرتقا قارىسام ئۈزۈلمەي ياققان يامغۇردىن ياڭزىجىئاڭ دەرياسىدىن تاشقان تاشقىندا پويىزنىڭ رىلىسى سۇ ئىچىدە قالغان بولسىمۇ پويىز پەقەتلا توختىمىدى.
مەن بۇ مەنزىرلەر ئىچىدە ئاخىرى نەنجىڭگە يېتىپ كەلدىم. گەرچە ھازىر نويابىر ئېيى بولسىمۇ نەنجىڭدە ھاۋا يەنىلا ئىللىق ئىدى.مەنى پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئالدىدا پىكاپ كۈتۈپ تۇرغان ئىكەن.بۇ پىكاپ نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا رايون كومىتېتىغا تەۋە پىكاپ بولۇپ، مەن پىكاپقا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. پىكاپ بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن غەربچە ئۇسلۇپتا سېلىنغان ھەشەمەتلىك بىر داچىنىڭ ئالدىدا توختىدى.داچىنىڭ سىرتى گەرچە بىراز كونىراق بولسىمۇ ئەمما پۈتۈنلەي تاش بىلەن سېلىنغان ئىدى. مەن دەرۋازىدىن كىرىشىمگىلا ئالدىمدىكى ئىشىك ئاپتوماتىك ھالدا ئېچىلىپ، مېنىڭ ئالدىمدا خىزمەتچىلەر پەيدا بولۇپ،40 ياشلار چامىسىدىكى بىر خانىم ماڭا قاراپ كۈلىمسىرەپ قانداقتۇر بىرنېمىلەرنى دېدى. ئەمما مەن ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى پەقەتلا چۈشۈنەلمىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىگىنى خىتاي تىلى ئەمەس ئىدى. بۇنىڭ بىلەن كاللام قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئۇندىن باشقا يەنە بىر خانىم ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرگەن ھالدا ماڭا تازىم قىلىپ تۇرۇپ؛ - سىز ئامىنەمۇ؟ بىز سىزنى كۈتۈپ تۇردۇق. - دەپ ياپونچە ۋە خىتايچە سۆزلىدى.مەن بۇنىڭ بىلەن بىراز ئەسىمگە كېلىپ خاتىرجەم بولدۇم.ئۇ،ماڭا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ؛ - مەن خەدىچە بولىمەن.مەن جالالىدىننىڭ بەشىنچى خوتۇنى،جالالىدىن بولسا نەنجىڭ ھۆكۈمىتى چېگرا رايون كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. مەن سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى ئاڭلاپ،بۇ يەردە تەييارلىق قىلىپ تۇرغان، - دېدى.مەن جاۋابەن: - مەن سىزگە چىن يۈرىكىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. - دېدىم.ئۇمۇ،دەرھال مەنمۇ شۇنداق دەپ يىنىكلا جاۋاب بەردى.خەدىچە بىر دەمدىن كېيىن يېنىدىكى خانىمنى ماڭا تونۇشۇرۇپ: - بۇ ئالىسا بولىدۇ.بۇ قۇل ئايال بۇ ئايالنى ئوسمان سېتىۋالغان،سىز بۇنىڭغا ھەرقانداق بۇيرۇق چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. - دېدى.مەن ئالىسا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم.ئالىسا ماڭا كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تازىم قىلىپ،قانداقتۇر يەنە بىرنېمىلەرنى - دېدى.ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزىنى بىلەلمىدىم.شۇنىڭ بىلەن مەن خەدىچەگە قاراپ؛ - مەن ئالىسانىڭ تىلىنى بىلمەيمەن دېدىم.خەدىچە جاۋابەن؛ - ئەنسىرمەڭ،سىزمۇ كېيىنچە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى چۈشۈنىدىغان بولۇپ كېتىسىز.ئالىسا چىڭخەيدىن كەلگەن سەھرالىق قىز بولغاچقا ئۇنىڭ تىل تەلەپپۇزى باشقىچە،سىز تولىمۇ تەلەيلىك ئىكەنسىز.سىزنىڭ مۇسۇلمان قۇلىڭىز بار. - دېگىنىچە مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ،ئۆيلەرنى ماڭا تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.ئۆيلەر كۆپلىگەن ئۆي جابدۇقلىرى بىلەن لىق تولغان يەرلەرگە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان زىلچە گىلەملەر سېلىنغان بولۇپ،ئۆينىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئىككى ياتاق ھوجىرا، ئىككىنچى قەۋىتىدە بولسا تۆت ياتاق ھوجرا،ھوجىرنىڭ يېنىدا ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ھاممام بار ئىدى.بۇ داچىلىق ئۆيلەر گويا خان ئوردىسىغا ئوخشايتتى.ئاڭلىسام بۇ داچىنى ئوسمان ئىككى ئاي ئىلگىرى سېتىپ ئالغان ئىكەن. ئۆي ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر مېنىڭ كۆلۈمگە تولىمۇ ياقتى.مەن شۇ تاپتا ئۆزۈمنى بۇ ئوردىنىڭ خوجايىنى دەپ ئويلىدىم. بۇلاردىن تولىمۇ رازى بولۇپ،ئۆزەمنىڭ بىر چۈشىنىڭ بولسىمۇ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئوسمان بەلكىم مېنى خانىش قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم. ۋە بۇنىڭدىن تولىمۇ شاتلاندىم.
خەدىچە ماڭا؛ - ئوسمان 1 - ئايدا كېلىدۇ. شۇ چاغدا سىزنىڭ توي مۇراسىمىڭىزنى ئۆتكۈزىدۇ. سىز بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىپ قويۇشىڭىز كېرەك.مەن سىزگە ياردەمدە بولىمەن - دېدى.مەن خەدىچىنىڭ سۆزىدىن مېنىڭ نەنجىڭگە كېلىشىم ئوسمان بىلەن توي قىلىش ئىكەنلىكىنى ۋە مېنىڭ ھاياتىمنىڭ يېڭىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم.ھاياشى سەنجىرونىڭ خېتى سېھرى كۈچى بىلەن مېنىڭ يۈرەك ئىشىكىمنى ئاچتى.بۇ يول ماڭا بەلكىم ئەڭ ياخشى يول بولۇشى مۈمكىن.شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ مېنىڭ يېڭى ھاياتىم بۇ ئۆيدىن باشلاندى.مەن ئوسمان توكيودىن قايتىپ كەلگىچە بۇ ئۆيدە ئالىسا بىلەن بىللە تۇردۇم.ئالىسا بولسا تولىمۇ سەمىمىي مۇسۇلمان ئايال بولۇپ،ئۇ مېنىڭ ھەر كۈنلۈك ئوقۇيدىغان بەش ۋاق نامىزىمغا ئىسسىق قىلىپ تاھارەت سۈيى تەييارلاپ بېرەتتى.مەن ھەركۈنى بوينۇمنى سۇغا سېلىپ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيتۇم.ئاللاھۇ ئەكبەر!ئاللاھۇ ئەكبەر! - دەپ تەكبىر ئېيتىپ بېشىمغا ئاق لىچەك ئارتىپ گىلەم ئۈستىدە سەجدە قىلىپ ناماز ئوقۇپ ئاللاغا ئىبادەت قىلاتىم.نامازلىرىمدا ئوقۇلغان ئەرەبچە ئايەتلەردىن مەمنۇن بولغان ئالىسا،مېنىڭدىن رازى بولۇپ ھوجىرامدىن چىقىپ كېتەتتى.مەن بۇ ئۆيدە تۇرىۋېرىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ياپونىيىلىك ئىكەنلىكىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيىلىك مۇستەقىل تارىخ تەتقىقاتچىسى يۇرىنا خانىم مەزكۇر ئەسەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- ياپونىيەدىكى بەزى تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە بىلەن ھاياشى سەنجىرو ئەينى ۋاقىتتىكى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە ئاخبارات خادىملىرى بولۇپ سۇزۇكىنىنىڭ نەنجىڭە ئەۋەتىلىشى يالغۇز توي قىلىشلا ئەمەس بەلكى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت ئۇچۇر ئاخباراتلارنى توپلاشمىكىن دەپ ئويلايمەن..
سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە ئەسىرىنىڭ مەزكۇر بابىدىكى «غەلىتە توي مۇزىكىسىنىڭ مۇقەددىمىسى» دېگەن بۆلىكىدە مۇنداق بايان قىلغان؛
يېڭى يىل يېتىپ كېلىپ ئوسمان توكيودىن نەنجىڭغا قايتىپ كەلدى. مەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىرىشىشتىن تولىمۇ خىجىل بولاتتىم. سەۋەبى ئىسلامىي ئۆرۈپ - ئادەتلەردە نىكاھنىڭ ئالدىدا قىزغا چاي ئىچكۈزۈلگەن تەغدىردىمۇ قىز - يىگىتلەر ئۆزارا كۆپ كۆرۈشمەيتى.ئوسمان تولىمۇ تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپ،ئۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ھوجىرامغا كىرمەيتى.ئەمما بىز بىر داچىدا بىللە تۇراتۇق.شۇڭا بەزىدە كارىدور ۋە ياكى زاللاردا ئۇچىرىشىپ قالاتۇق.ئۇنداق چاغلاردا ئۇ،ماڭا قاراپ پەقەتلا كۈلۈپلا قوياتتى.ھېچقانداق گەپمۇ قىلمايتى.ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىزنىڭ توي كۈنلىرىمىز يېقىنلىشىپ كەلدى.خەدىچە،ئالىسالار بولسا توي تەييارلىقى بىلەن تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،لېكىن مېنى پەقەتلا ئاۋارە قىلمىدى.تويغا چاقىرىلدىغان مېھمانلارنىڭ تەكلىپنامىلىرى بېسىلىپ،قىزىل لىپاپىلارغا سېلىنىپ تۇڭگانلارغا،تۈركلەرگە باغاقچىلار ئەۋەتىلىشكە باشلىدى.ئەمما ھېچقانداق ياپونىيەلىككە باغاقچا ئەۋەتىلمىدى.چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ تويى بولغانلىقىدىنمىكىن دەپ ئويلىغان بولساممۇ،لېكىن نەنجىڭ ھۆكۈمىتىدىكى موڭغۇل - تىبەت كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا باغاق ئەۋەتىلدى.بىزنىڭ توي مۇراسىمىمىز زۈلھەججىنىڭ ئۇلۇغ كۈنلىرىدىن بولغان كۈنلەردە بولدى.نەنجىڭدە مەسچىت بولمىغانلىقتىن ئۆيدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. توي كۈنى ئەتىگەندە مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئالىساغا؛ - مەن نېمە قىلىمەن؟، - دېدىم.ئالىسا بولسا بۈگۈنكى تويغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى.ئالىسا ماڭا قاراپ؛ - سىز بەك شەھەر تۇرىۋاپسىز،شۇڭا غوسۇل - تاھارەت ئېلىپ بوينىڭىزنى سۇغا سېلىۋېلىڭ. - دېدى.مەن ھاممامغا كىردىم. كىچىككىنە سۇ كۆلچىكىگە تەيارلانغان خۇش - پۇراق بۇيۇملار سېلىنغان ئىسسىق سۇدا ئالىسا مېنى راھەتلەندۈرۈپ يۈيۈندۈرۈپ قويدى.ئاندىن ئۇ مېنى بابۇكتىن ياسالغان ئۇزۇن ئورۇنداققا ياتقۇزۇپ پۈتۈن بەدەنلىرىمنى ئۇۋىلاپ چىقتى.مەن بۇ راھەتتىن ھوزۇرلىنىپ كۆزۈم ئۇيقىغا كەتىپ چۈش كۆرۈشكە باشىدىم.ئالىسا ماڭا ئاستاغىنە سۆز قىلىپ؛ - سىز چىرايلىق پەدەزلىنىپ ئوسمان بىلەن نىكاھلانسىڭىز چوقۇم چىرايلىق پەرزەنتلىك بولىسىز. - دېدى.
سۇزۇكى سۇمىكو ئامىنە مەزكۇر ئەسىرىنىڭ شۇ بابىدىكى «توي مۇراسىمى»دېگەن بۆلىكىدە مۇنداق بايان قىلغان:
مەن قىزلارغا خاس قىزىل رەڭدىن ھازىرلانغان كاستىيۇم يوپكا كىيىپ،بىليارت ئۈزۈك تاقاپ گويا خانىشقا ئوخشۇدۇم.ئۆي ئىچىدىكى شامدانلارغا قىزىل شاملار يېقىلىپ،قىزىل گىلەم سېلىنىپ،كاستىيۇم - بۇرۇلكىلىق سالاپەتلىك مېھمانلار ئۆرە تۇرغان بولۇپ،مەن ئوسمان بىلەن ئاستاغىنە مېڭىپ ئىككىمىزگە كىچىككىنە سەھنىدە ئالاھىدە ھازىرلانغان تەختىمىزدىكى ئىككى ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇرۇشىمىزغا جامەت بىزگە قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا تەكبىر قوئۇپ قۇران تىلاۋەت قىلىشقا باشلىدى.سەللىلىك كەلگەن بىر كىشى سەھنىگە كېلىپ بىزگە تازىم قىلىپ،تۈركچە «قۇتلۇق بولسۇن!» دېدى.ۋە بېشىدىكى سەللىسىنى ئېلىپ ئوسمانغا ھەدىيە قىلدى.ئوسمان ھۆرمەت ئىچىدە تازىم قىلىپ،رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ سەللىنى قوبۇل قىلىپ بېشىغا كىيىۋالدى.ئوسمان ماڭا قاراپ ياپون تىلىدا: - بىز بۈگۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە تەقدىرى بىلەن توي قىلىمىز.سىز مېنىڭ رەپىقەم بولسىز. - دېدى. مەن رازىمەنلىك بىلدۈرۈپ بېشىمنى ئەگدىم.مۇزىكانتلار مۇزىكا چېلىشقا باشلىدى.ئىككى ئوغلاق ئاللاھ يولىدا قان قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن بىز بىرلىكتە مېھمانلار بىلەن بىرگە كەچلىك زىياپەتنى باشلىدۇق.مەن زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوسماندىن بۇرۇن ھوجىرامغا كىرىپ كەتتىم.ھوجىرامدا ئالىسا مېنىڭ تۇنجى توي كېچىسىدىكى تەييارلىقىمنى قىلىپ قويغان ئىكەن.بىر دەمدىن كېيىن ئوسمان ھوجىرامغا كىردى.ئۇ،ماڭا قاراپ كۈلدى.شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىزنىڭ مۇھەببەتلىك شىرىن ئاي كېچىمىز باشلىنىپ كەتتى.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ..