«تارىخ ۋە بۈگۈن» (10 - نويابىر كۈنى 2013 - يىلى)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.11.10


«تارىخ بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمى مەخسۇس 1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقىغا ۋە 1944 - يىلى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 69 يىللىقىغا بېغىشلاندى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار 1933 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە، 1944 - يىلى، 12 - نويابىردا غۇلجىدا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ، ھازىرقى زامان تارىخىدا مۇھىم ئىز قالدۇردى.

بۇ كۈنى دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەيدۇ.

9 - نويابىر كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى بىلەن خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە 1933 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقى، 1944 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەت فالىس چۇرچ رايونىدىكى بىر رېستوراندا ئۆتكۈزۈلدى.

پروگرامما بويىچە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 9 - نويابىر كۈنىدىكى مەزكۇر مۇراسىم ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ، جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى بىر رېستوراندا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى مەسئۇللىرى، ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار، بىر قىسىم مېھمانلار قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتتە يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ15 يىللىقىمۇ خاتىرىلەندى.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 1933 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم ھۆكۈمەت رەئىسى، سابىت داموللا باش مىنىستىر بولغان. ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىزلاردىن 16 ئادەم مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى ئاتقۇرغان ئىدى. ئەنگلىيە ئالىمى فوربېس، مايكول دېلون ۋە ئامېرىكا ئالىمى مىلىۋارد ۋە باشقىلارنىڭ يەكۈنىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرئاننى ئاساسىي پرىنسىپ قىلغان ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا، دۆلەت بايرىقى، پۇلى، دۆلەت بەلگىسى، مىللىي مەجلىسى قاتارلىقلارغا ھەمدە ھازىرقى زامان مائارىپ، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت ئىدىيىسىگە ئىگە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتتۇر.

ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە 1944 - يىلى 12 - نويابىردا غۇلجا شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇردى. بۇ يىل ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 69 يىل توشتى، ئەلىخان تۆرە جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى - كېيىن ھەر خىل سىياسىي شارائىت ئاستىدا، ئۆزلىرى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى، ئىلى ھۆكۈمىتى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ، 5 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، ئاخىرى ستالىننىڭ تاشقى سىياسى ئىستراتېگىيىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.