«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2013 - يىلى 3 - نويابىر كۈنى)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.11.03
Xemit-Kenjibayef-xemit-kenji.jpg سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايەف.
RFA


3 - نويابىر كۈنىدىكى سەھىپىمىزدە ئاساسلىقى مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرلىرىدىن ھازىر بىشكەكتە ياشاۋاتقان 90 ياشلىق سابىق مايور خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئەسلىمىلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ. ئارىقدىن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقى ۋە ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەم ما جوڭيىڭ ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ.

خەمىت كەنجىبايېف: مەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جىنازىسى ئالدىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى بولغان(3 - )

ئۇمىدۋار

1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قاتناشقۇچىسى، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ئوفىتسېرى خەمىت كەنجىبايېفنىڭ 1945 - 1950 - يىللىرى ئارىسىدا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىدا ئىشلىگەن چاغلاردا كۆرگەن بىلگەنلىرى ئىچىدە ئۇنىڭ 1950 - يىلى، 3 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن كۆرگەنلىرى ئۆزگىچىدۇر.

مايور خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ ۋە 12 ئوفىتسېر ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ جەسىتى سېلىنغان جىنازا يېنىدا ئۈچ كۈن ھۆرمەت قاراۋۇلى بولغان. 90 ياشلىق خەمىت كەنجىبايېف بۇ كۈنلەرنى ھازىرغىچە ئېسىدە چىڭ ساقلىغان.

ھازىر بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايېف 1949 - يىلى 8 - ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف قاتارلىق رەھبەرلەر غۇلجىدا ئايرىلىش ئالدىدىكى بىر قىسىم ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان. ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى ئىسھاقبېك مۇنونوف ئۇنى چاقىرتىپ بىرلىكتە سەپەرگە چىقىدىغانلىقى ئۇقتۇرغان. ئەمما، ئۇ بارماي، مايور غېنى كەرىموف بارغان.

خەمىت كەنجىبايېف 1949 - يىلى، 8 - ئايدىن 1950 - يىلى 3 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي ئارمىيە باش شتابىدا نېمە ۋەقەلەر بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.