«تارىخ ۋە بۈگۈن» 25-دېكابىر.

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان تارىخىي شاھىتلاردىن بىرى مۇنىر ئېرزىن ئەپەندىنىڭ بايانلىرى ئاڭلىتىلغاندىن تاشقىرى يەنە قازاقىستاندىكى ئاباي نامىدىكى دۆلەت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخى مۇساپىلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلىدۇ.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.12.25
inqilabiy-sherqiy-turkistan-geziti-305.jpg ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان گېزىتى (1948-يىلى 15سېنتەبىردىكى سانى).
RFA/Umidwar

ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى تەربىيىلەش كەسپى 1950-80-يىللاردا ئۇدا ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى تەركىبىدە ئۇيغۇر تىل -ئەدەبىيات كەسپى بار ئىدى. ئويغاننىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە ئالغاندا، بۇ جايدا كۆپلىگەن شائىر -يازغۇچىلار، مائارىپچىلار ھەم مۇتەخەسسىسلەر تەربىيىلەندى.

ئاخىرىدا يەنە سىلەر ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى مەرھۇم زىيا سەمەدىنىڭ1930-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت تارىخىغا بېغىشلىغان تارىخىي ئەسلىمە خاراكتېرلىك رومانى «يىللار سىرى»دا بايان قىلىنغان تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ داۋامى بىلەن تونۇشىسىلەر. «يىللار سىرى» نىڭ بۇ قىسمىدا شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇرلارنى پارچىلاپ ،تارانچى مىللىتىنى پەيدا قىلغانلىقى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مىللىي بىرلىكنى قوغداش يولىدىكى كۈرەشلىرى بايان قىلىنىدۇ.

مەلۇمكى، 1944-يىلى، 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىپ، ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتىنى نەشر قىلغان ئىدى.

ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى ئۇيغۇر، قازاق، رۇس تىللىرىدا نەشر قىلىنغان ھەمدە بۇ جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان ئىدى. 1946-يىلى، بىتىم تۈزۈلۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىشقا كىرىشكەندە مەزكۇر گېزىت «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن ھەم ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، شېۋە، موڭغۇل ۋە خىتاي تىللىرىدا نەشر قىلىنغان.

ئالمۇتىدا ياشايدىغان، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى، تاتار تارىخشۇناسى مۇنىر ئېرزىن ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان گېزىتى» دە ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ بۇ گېزىتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

مۇنىر ئېرزىن مەخسۇس ئۇيغۇر مەتبۇئات تارىخى بويىچە كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇرغان تارىخچى بولۇپ، ھازىر 84 ياشقا كىرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.