بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئاناتولىيە تۇپراقلىرىغا كېلىش تارىخىغا ئائىت مەلۇماتلاردىن شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى مەرھۇم زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى» ماۋزۇلۇق تارىخى رومانىنىڭ داۋامى بىلەن تونۇشىسىلەر.
تۈركىيە تارىخچىلىرى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىلا ئاناتولىيە تۈركىيىنىڭ رايونلىرىغا كەلگەنلىكى ھەتتا بۇ جايدا ئەراتنا ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى قۇرغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر ئەراتنا دۆلىتى تۈرك تارىخىدىكى مۇھىم بىر سەھىپىدۇر. ئەراتنا دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىنىڭ ئاناتولىيە رايونىدىكى تارىخىي ئىزلىرى زور قىزىقىشلارغا سەۋەب بولماقتا. بۇ ھەقتە ئەركىن تارىمغا قۇلاق سەلىڭ.
زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى» (6 - )
مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمەدىنىڭ «يىللار سىرى» ماۋزۇلۇق رومانىنىڭ بۇ قىسمىدا شېڭ شىسەي دەۋرىدىكى زامان قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن لاۋپەن قاتارلىق كوممۇنىستىك ئىدىيىگە مەنسۇپ خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە ئائىت قاراشلىرى ھەم مۇنازىرىلىرى بايان قىلىنىدۇ.