سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، غەنى باتۇر بىلەن كۆپ سۆھبەتلەردە بولغان مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، 20 - ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر قەھرىمانى غەنى باتۇر 1945 - يىلىدىن 1970 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا بىر قانچە قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى يوسىف ستالىن، قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى دىن مۇھەممەد قونايېف، ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى شەرەپ رەشىدوف قاتارلىق ئەربابلار بار ئىدى.
غەنى باتۇرنىڭ ستالىن بىلەن كۆرۈشى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتىكى ياخشى كىچىك ماشىنا تەقدىم قىلغانلىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مەلۇماتلاردىندۇر.
ئەلۋەتتە، غەنى باتۇرنىڭ ستالىن بىلەن كۆرۈشىشى مەسىلىسى بىزگە ئۆز ئاغزى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سەپداشلىرى ۋە سۆھبەتداشلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق يېتىپ كەلدى. غەنى باتۇر ئۆزى بۇ ئەھۋالنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگەن. ئەمما، تارىخىي ئارخىپ ھۆججەتلىرى تېخىچە ئۇنى ئىسپاتلىمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنى ھازىرچە يازما ھۆججەتسىز، ئاغزاكى تارىخىي ماتېرىياللار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش مۇمكىن.
قازىقىستان ئۇيغۇرلىرى خىتايدا ئويۇن قۇيۇشنى رەت قىلدى
(كامىل تۇرسۇن)
"ۋىكىلىكس"تور بېتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەر ئىچىدە، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەت - چەك ۋە دوكلاتلارمۇ خېلى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ."5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"يۈز بەرگەندىن كېيىن، قازاقىستاندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرى تەرىپىدىن ۋاشىڭتونغا يوللانغان "قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتايغا ئۇيۇن قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى"ناملىق ئۇزۇن دوكلات بۇلاردىن بىرىدۇر.
"قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتايدا ئۇيۇن قويۇشنى رەت قىلدى"ناملىق بۇ دوكلاتتا، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى،ئۇلارنىڭ قازاقىستان دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،"ئۈرۈمچى ۋەقەسى"سەۋەبى بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقى، قازاقىستاندىكى مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە بولغان ئىنكاسى ۋە قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ،ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان، ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ.