يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئاماتسىيە ۋىلايىتىدە 11 - ئەسىرلەرگە تەۋە 8 ياشلىق بىر قىزنىڭ قۇرۇق جەسىتى تېپىلغان. تۈركىيە ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ مۇتەخەسسىسلىرى بۇ قۇرۇق جەسەت تېپىلغان ئاناتولىيە، جۈملىدىن ئاماتسىيە رايونىنىڭ ئېتنىك تارىخى تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى، ئۇلار بۇ جايدا ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ بۇ رايونغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ھەقتە ئەركىن تارىم مەلۇمات تەييارلىدى.
ئالمۇتا شەھىرىدە ياشايدىغان مەخسۇت ئىبرايىموف بۇ يىل 87 ياشقا كىردى. ئۇ ئۆزى ۋە ئاكىسى ھەم دادىسى 1940 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان چاغىستايلىق كىشىلەردۇر. ئۇنىڭ بوۋىسى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تۇنجى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئاكىسى ماخمۇت پارماش بولسا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن. مەخسۇت ئىبرايىموف ئۆزىنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى ئالمۇتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغانغا سۆزلەپ بەردى.
ئاپتور «يىللار سىرى» ناملىق تارىخىي روماننىڭ بۇ قىسمىدا 1934 - يىلى، خوجا نىياز ھاجىم ئۈرۈمچىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ كەلگەندىن كېيىنكى ۋەزىيەت، تۇنجى نۆۋەتلىك ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتاي يىغىنى ھەم شېڭ شىسەينىڭ ھىلە - نەيرەڭلىك سىياسىي تاكتىكىلىرى ھەققىدە بايان قىلىدۇ.