«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمى دىققىتىڭلارغا تۆۋەندىكى مەلۇماتلار تەقدىم قىلىنىدۇ: قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىلىرى ۋە تۇنجى ئۇيغۇر تارىخ مۇتەخەسسىسى ئەرشىدىن ھىدايەتوفنىڭ ئەسەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ھەققىدە ئانالىز ھەم ئۇيغۇر - تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ ھەمكارلىق پائالىيەت تارىخىدىن ئۇچۇرلار. دىققىتىڭلار «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ تەپسىلىتاتىدا بولسۇن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىلىرى
ئۇمىدۋار
ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي تۈركولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى سۈپىتىدە بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خەلقارا مىقيادا داۋاملاشماقتا. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي ئەڭ تەرەققى قىلغان مەزگىل ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - 80 - يىللىرى بولۇپ، بۇ ساھەدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئەڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەن ئىدى. 1986 - يىلى دۇنيا يۈزىدىكى تۇنجى مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئالمۇتىدا قۇرۇلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقى مۇرەككەپ مۇساپىلەرنى باشتىن كەچۈردى ھەم كەچۈرمەكتە. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟ بۇ قىزىقىش ئۈستىدىكى تېما.
ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ قىسقىچە تارىخى ئەھۋالى
ھازىر خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان بىردىنبىر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان. مەزكۇر مەركەز ئەسلىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ داۋامى بولۇپ، 1996 - يىلىدىن ئېتىبارەن مەركەز دەرىجىسى بىلەن بۇ ئورۇندا ئون نەچچە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىراق، بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر مەركەز مەۋجۇت بولامدۇ - يوق ؟ بۇ بىر دىققەتكە سازاۋەر مەسىلىدۇر.
مەزكۇر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قارىمىقىدىكى مەزكۇر ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئەھۋالى كۈنسايىن ناچارلىشىپ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىدىن سۆز ئېچىش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.
تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇرشۇناسلىق رۇسىيە ۋە ياۋروپادا 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللىنىپ، مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسا، 20 - ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرىدىن كېيىن، موسكۋا، تاشكەنت ۋە ئالمۇتىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار تېخىمۇ كەڭ دائىرە بويىچە ئىزدىنىپ دەسلەپكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەمدە تۇنجى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرى، تارىخچىلىرى ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىرى يېتىشىپ چىقتى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ راۋاجلىنىشىدا سابىق چار رۇسىيە دەۋرىدە بۇ ساھە بويىچە تەتقىقات قىلىپ،نوپۇز تىكلىگەن رۇس ئالىملىرىدىن ۋ.رادلوۋ، د. پوزدنېيېۋ، گرۇم - گىرژىمايلو، ۋ. گرىگورىيېۋ، ۋ. بارتولد ۋە س. مالوۋ قاتارلىقلارنىڭ ئەمگەكلىرى مۇھىم رول ئوينىدى.
1930 - يىللاردا موسكۋادا مالوۋ، ناسىلوۋ، باسكاكوۋ قاتارلىقلار ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ساھەسىدە بويىچە تەتقىقات قىلدى.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا ئائىت يېزىلغان مۇرات ھەمرايېف، ئابدۇمەجىت روزىباقىيېف، مالىك كەبىروف قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1920 - 1930 - يىللىرى ئارىسىدا نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوپ، بۇرھان قاسىموف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى شۇنىڭدەك يەنە ئال لاتىپ ئەنسارى، شاكىرجانوف قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملىرى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تۇنجى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ قالغان ئىدى.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېف ۋە ئىسمائىل تاھىروف قاتارلىقلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تىل - ئەدەبىيات مەسىلىلىرى بويىچە ماقالىلەرنى يازغان ھەمدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ راۋاجلىنىشىنى يېقىندىن قوللىغان ئىدى.
نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇنجى ئۇيغۇر تارىخشۇناسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان
دوكتور كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. 1960 - 80 - يىللاردا ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ تېز گۈللىنىشى موسكۋا تەرىپىدىن قۇۋۋەتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى جىددىيلەشكەن سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى.
1985 - يىلى، مىخايىل گورباچېۋ ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا قايتا قۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ قارىمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلۈپ، رەسمىي ئايرىم ئىنىستىتۇتقا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ جەريانمۇ ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، قازاقىستان ۋە موسكۋادا بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلسا، يەنە بەزىلەر قارشى چىققان. ھەتتا موسكۋادىن مەخسۇس ئادەملەر كېلىپ، بۇ ئىنستىتۇتى ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ ياكى داۋاملىق ئېچىش كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىغا دوكلات يوللىغان، ھەتتا 1950 - يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا تىل تەكشۈرۈشتە بولغان ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن يېقىن دوستلۇق ئالاقىلىرى ئورنىتىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن داڭلىق تاتار تۈركشۇناسى تېنېشېفمۇ نېمە سەۋەبتىندۇر بۇ ئىنىستىتۇتقا قارشى چىقىش پوزىتسىيىسىدە بولغان ئىكەن.
بىراق، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ھەممە ساھەسى بويىچە كۆپلىگەن كىتابلار،ماقالىلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قازاقىستان، ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق مەركىزى سۈپىتىدە تونۇلغان ئىدى. ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىملىرى «قىسقىچە ئۇيغۇر تارىخى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇرۇلمىسى» قاتارلىق كىتابلارنى تەييارلاپ نەشىر قىلدۇردى.
ئىنستىتۇت تەركىبىدە تارىخ، سىياسى - ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، ئەدەبىيات، تىل، ئېتنوگرافىيە بۆلۈملىرى بولغان. ئىنستىتۇت مۇدىرى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، پروفېسسور غوجاخمەت سادۋاقوسوفنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى زور ئىدى.
داڭلىق ئۇيغۇرشۇناسلار
قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىي، تىلى،مەدەنىيىتى، ئېتنوگراپىيىسى، ئەدەبىياتى ۋە باشاق تۈرلۈك مەسىلىلىرى بويىچە تەتقىقات قىلغان ئۇيغۇر ئالىملىرى دەسلەپكى قەدەمدە 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا مەيدانغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى.
ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن بۇ ساھەدە ئەڭ بۇرۇن ئىلمىي تەتقىقات باشلىغانلارنىڭ ۋەكىلى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف ئىدى. 1920 - 1930 - يىللىرى ئارىسىدا نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف، بۇرھان قاسىموف، لاتىپ ئەنسارى، شاكىرجانوف، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تاھىروف ۋە باشقىلار ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە بىر قاتار ئەسەرلەرنى مەيدانغا چىقاردى.
1930 - يىللاردا بولسا، ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى تارىخ پەن كاندىدات دوكتورلىرى يېتىشىپ چىقتى.
ئەرشىدىن ھىدايەتوف تۇنجى ئۇيغۇر تارىخ پەن دوكتورى ھېسابلىناتتى.1920 - 30 - يىللىرىدا يېتىشكەن ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ كۆپىنچىسى 1937 - 1938 - يىللىرى ستالىن تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى 1950 - 1980 - يىللىرى ئارىسىدا يېتىشىپ چىقتى. بۇ دەۋردە ھەر ساھە بويىچە ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار قوشۇنى شەكىللەندى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە تونۇلغان ئالىملاردىن ئاكادېمىك دەرىجىسىگە يەتكەنلەر، فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، سوۋېت ئىتتىپاقى پېداگوگىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى،( ئاكادېمىك كاندىداتى) مۇرات ھەمرايېف، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى غوجاخمەت سادۋاقاسوف، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى ئەزىز نارىنبايېف، پروفېسسور تۇغلۇق جان تالىپوف، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى پروفېسسور ئەخەت خوجايېف، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تۇرسۇن رەھىموف ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.
ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى پۈتۈن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقشۇناسلىق، جۈملىدىن تۈركشۇناسلىق، ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە خىتايشۇناسلىق ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن ئىدى.
بۇ مەزگىللەدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئوز تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى ۋە باشقا مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەخمىنەن 100 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس تەتقىقات ئېلىپ بارغانىدى.
تارىخشۇناسلاردىن ئەڭ تونۇلغانلىرى داۋۇت ئىسسىيېۋ، مالىك كابىروف،، ئەخەت خوجايېف، گېگېل ئىسھاقوف، كوممۇنار تالىپوف، ئابلەت كامالوف قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.
تىل ۋە ئەدەبىياتشۇناسلاردىن مۇرات ھەمرايېف، غوجاخمەت سادۋاقاسوف، تۇغلۇقجان تالىپوف، ساۋۇت موللاۋۇتوف، شىرىۋاخۇن باراتوف قاتارلىقلارنى، پەلسەپەشۇناسلاردىن ئەزىز نارىبايېف، كوممۇنار تالىپوف ۋە باشقىلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
ئەرشىدىن ھىدايەتوف ئىجادىيىتىدىن
ئويغان تەييارلىدى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئەنى، ئۇنىڭ ئازادلىققا، مىللىي مۇستەقىللىققە، ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان ئىنتىلىشىنى تەتقىق قىلىش دۇنيا ئالىملىرى قاتارىدا ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭمۇ باش مەقسىتىگە ئايلانغان ئىدى. شۇلارنىڭ بىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان دەسلەپكى تارىخ مۇتەخەسسىسى ئەرشىدىن ھىدايەتوفتۇر. ئۇ، «ئىلى ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر - تۇڭگانلارنىڭ 1864 - 1871 - يىللاردىكى قوزغىلىڭى» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىنى 1939 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پايتەختى موسكۋادا ياقىلاپ، ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ قازاقىستاننىڭ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىر نەچچە يىللار داۋامىدا تارىخ ئىلمىدىن لېكسىيە ئوقۇش بىلەن بىر قاتاردا تاشكەنتتە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنالىدىمۇ ئىشلىدى. ئە. ھىدايەتوف 1947 - يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ، ئارخېئولوگىيە ۋە ئېتنوگرافىيە ئىنستىتۇتى يېنىدا دەسلەپ قۇرۇلغان ئۇيغۇر - تۇڭگان مەدەنىيەت بۆلۈمىنى باشقۇردى. ئالىمنىڭ تونۇلغان ئەمگەكلىرى ئىچىدە «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي - ئازادلىق ھەرىكەتلىرى» ناملىق كىتابى 1978 - يىلى ئالماتادا نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىكى مىللىي - ئازادلىق ھەرىكەتلىرى، شۇنداقلا نازۇگۇم، ئەمىر ئابدۇرۇسۇلبەگ، سادىر پالۋان، بىلال نازىم، سېيىت مۇھەممەت قاشىي قاتارلىق بۈيۈك تارىخىي شەخسلەر ھەققىدە ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان. ئەرشىدىن ھىدايەتوف مەزكۇر ئەمگىكىدە چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەسلەپكى مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئالاھىدە يورۇتقان.
«4 تەرەپ» ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخىدىن
ئەركىن تارىم تەييارلىدى.
3 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار» دېگەن تېمىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تېبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇر ۋە دېموكرات خىتايدىن ئىبارەت بۇ تۆت تەرەپنىڭ قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئىلمىي ماقالىلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست تۈزۈمىگە قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى 1970 - يىللاردا باشلانغان بولۇپ، 1990 - يىللارغا كەلگەندە بۇ سەپكە جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرمۇ قوشۇلغان. كېيىنچە دېموكراتىك خىتايلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن 4 تەرەپ ھەمكارلىشىشقا باشلىغان. ئىلگىرى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل ۋە خىتاي دېموكراتلىرى بىرلىكتە يىغىنلارمۇ ئاچقان ئىدى. ئەمما، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ داغدۇغىلىق بولدى. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.