«تارىخ ۋە بۈگۈن» (24 - ئىيۇن)
2012.06.24

ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تۈركىيە زېمىنىگە كۆچۈپ كېلىشى قەدىمىي تارىخقا ئىگە. ئەمما تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى تۈركىستان مەھەللىسىدە تۇرىۋاتقان 170 ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ كۆچۈش ھېكايىسى 1961 - ۋە 1963 - يىللىرىگغا توغرا كېلىدۇ. ئۇلار شۇ يىللاردا غۇلجا، قەشقەر ۋە يەكەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار 6 - ئاينىڭ 20 - 21 - كۈنلىرى قەيسەرىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىشىنىڭ 51 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
ھازىر تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 1961 - يىلى بىلەن 1963 - يىلى ئىككى گۇرۇپپا ھالىدا ۋەتىنىدىن ئايرىلغان. 1961 - يىلى ئايرىلغانلارنىڭ كۆپى يەكەنلىك، 1963 - يىلى ۋەتىنىدىن ئايرىلغانلار بولسا غۇلجا ۋە قەشقەرلىك ئىكەن. بۇلار ئافغانىستانغا كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغان. ئافغانىستاندا تۇرىۋاتقان مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى قۇرغان. كېيىن ئافغانىستاندا داۋاملىق تۇرۇشى ھەر جەھەتتىن قىيىنلاشقان. نەتىجىدە، ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ب د ت ئارقىلىق 1965 - يىلى ئايروپىلان بىلەن تۈركىيىگە ئېلىپ كېلىنگەن.
بۇ ئۇيغۇرلار تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئەسەنبوغا ئايرودرومىغا كەلگەن ۋاقتىدا تۈركىيە باش مىنىستىرلىك رەھبەرلىرى بۇلارنى دۆلەت مۇراسىمى بىلەن كۈتۈۋېلىپ، بۈگۈنكى قەيسەرى ۋىلايىتىگە ئېلىپ كېلىپ ئۆي سېلىپ بېرىپ جايلاشتۇرغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئۇلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە ئۇيغۇر ئائىلەلەرگە تۈركىيىنىڭ فامىلە قوللىنىش قائىدىسى بويىچە باتۇخان، تەڭرىتاغلى، كۆكتۈرك، تۈمتۈرك، ئالتايلى دېگەنگە ئوخشاش فامىلە ئىسىملىرىنى بەرگەن.
بۇ ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئافغانىستاننى تاللىغان؟ كېيىن نېمە ئۈچۈن ئافغانىستاندىن ۋاز كېچىپ تۈركىيىگە كەلگەن؟ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى قانداق؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ سەرگۈزەشتىلەرنى ئۆز بەشىدىن ئۆتكۈزگەن ئامانۇللاھ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.