تارىخ ۋە بۈگۈن (8 - ئىيۇل)

«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 8 - ئۇيۇل كۈنىدىكى قىسىمدا سىلەر ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق كونىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت مەلۇماتلارنى، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تارىخى ھەققىدە ئۇيغۇر مەنبەلىرىگە ئائىت تەييارلانغان مەلۇماتلارنى ھەمدە تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇش جەريانىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاڭلايسىلەر

0:00 / 0:00


مۇستەقىللىق كۈنى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ئۈچۈن ئەڭ خاسىيەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك كۈنىدۇر. ھەممە دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى كۈنى ۋە ياكى دۆلەت قۇرغان كۈنى بار بولۇپ، بۇ ئادەتتە دۆلەت دەرىجىلىك خاتىرىلىنىدۇ. 4 - ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى ۋە ياكى مۇستەقىللىق كۈنىدۇر.

1. تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە كادىرلار ئۇيۇشىمىسى قاتارلىقلارمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇلار تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە سىلەرگە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم مەلۇمات بېرىدۇ.

2. سەئىدىيە خاندنالىقى ئۇيغۇر كېيىنكى ئەسىرلەر تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، سەئىدىيە خاندانلىقى ئادەتتە تارىخچىلار تەرىپىدىن يەنە ياركەنت خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ھاكىمىيەت جۇڭغارلار تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەلىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى خوجىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرىگە كىردى. بۇ ئادەتتە خوجىلار دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ دەۋرلەردە ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قىسىم ئۇيغۇر تارىخچىلىرى، ئەدىبلىرى يېتىشىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مول ئەسەرلىرىنى قالدۇرغان. تارىخىي تەزكىرىچىلىك مۇھىم بىر زھانىردۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېزىپ قالدۇرغان تۈرلۈك ئەسەرلىرى ئەنە شۇ دەۋر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى،ئىجتىمائىئىي - سىيائىسي ۋە ئىقتىسادىي ھايائىتنى چۈشىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگىدۇر. بۇ ھەقتە سىلەرگە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان مەلۇمات بەرىدۇ.