0:00 / 0:00
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - 80 - يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ دۈشمەنلىك دەۋرىدە سوۋەت ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن قوراللىق گۇرۇپپىلارنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، موسكۋا كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلانغاندا بۇلارنى تارقىتىۋەتكەن. بۇ ۋەقەلەر ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار مەيدانغا چىقماقتا. بۇ پروگراممىدا سىلەر ئىككى نەپەر ئۇيغۇر شاھىدنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلايسىلەر