«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2013-يىلى 5-سېنتەبىر)
2013.09.15
« تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا 20 - ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرى ئارىسىدا ئالمۇتا شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان تۇنجى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى «سوپى زارۋات مەكتىپى» نىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىلەن 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا ئۇيغۇر ئەلىدە قۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىدىن ياردەم كۈتكەن «ياش قەشقەرلىقلەر» جەمىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەييارلانغان مەلۇماتلار دىققىتىڭلارغا سۇنىلىدۇ.
دەسلەپكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى - سوپى زەرۋات مەكتىپىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى
ئويغان تەييارلىدى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىدا قەيەردە ياشىمىسۇن مىللىي مائارىپى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلۇندۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكى مەلۇم. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتىسۇ تەۋەسىگە كۆچۈپ چىقىشى بىلەن بۇ يەرلەردە مەسچىتلەر، مائارىپ ۋە سەنئەت ئوچاقلىرى كۆپلەپ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ جاي - جايلاردا ئېچىلغان مەكتەپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك سۈپىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.
ئەنە شۇنداق مىللىي مائارىپ مەنبەلىرىدىن بىرى مەشھۇر دۆلەت ئەربابى، مەرىپەتپەرۋەر زات سوپى زەرۋاتوف نامىدىكى مەكتەپتۇر. مەزكۇر بىلىم دەرگاھى ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشكە، مىللىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچى تۆھپە قوشقان. ئەپسۇسكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەكتەپ مەملىكەتتىكى ئىجتىمائىي - سىياسىي ئۆزگۈرۈشلەر تۈپەيلى ئۆز نامىنى يوقاتتى. ھازىر ئۇ ئالمۇتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ مەركىزى ياركەنت شەھىرىدىكى ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
ئالمۇتا شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان سوپى زارۋات نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى 20 - ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرىدا كۆپلىگەن داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلىرىنى تەربىيىلىگەن ئىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروف زەرۋات مەكتىبىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىغا توختالدى.