«تارىخ ۋە بۈگۈن» (2013 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.12.15
murat-nasirof-305.png مۇرات ناسىروف
Public Domain

تارىخ ۋە بۈگۈن پروگرمامامىزنىڭ 15 - دېكابىردىكى سانىدا مەرھۇم ئۇيغۇر كومپوزىتورى مۇرات ناسىروفنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئەسلىنىۋاتقانلىقى، تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ موڭغۇلىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان قەدىمكى تۈرك قەبرىستانلىقلىرىنى قېزىش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى پروگراممىلار دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مۇرات ناسىروفنى يەنىلا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئەسلىمەكتە

ئۈمىدۋار ھازىرلىدى

ئالمۇتا ئۇيغۇر ياشلىرى 19 - يانۋار كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان زارىۋاستوكا مەھەللىسىدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ناخشا چولپىنى ۋە كومپوزىتورى مۇرات ناسىروفنىڭ مەقبەرىسى ئالدىغا توپلىنىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى ياد ئېتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان. بۇ چاقىرىق، قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

مۇرات ناسىروف 1969 - يىلى، ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1991 - يىلىدىن تاكى 2007 - يىلىغىچە موسكۋادا ئوقۇغان ۋە سەنئەت ساھەسىدە ئەڭ مەشھۇر چولپانلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى 90 - يىللاردا پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ۋە چەتئەللەردە ياڭرىغان بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن 5 ئالبومى نەشىر قىلىنغان.

مۇرات ناسىروف 2007 - يىلى، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى موسكۋادىكى ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ 38 يېشىدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئالمۇتىغا ئېلىپ كېلىنىپ، زارىيا ۋاستوكا مەھەللىسىدىكى قەبرىستانلىققا، دادىسى ئىسمائىل ناسىروفنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان ئىدى.

مۇرات ناسىروفنىڭ ئۆلۈمى ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن رۇسىيىنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق ئۆلۈم ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ پىكىرلەر مەيدانغا چىققان ئىدى. بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مۇرات ناسىروف ۋاپاتىغا 6 يىل توشىدۇ.

موڭغۇلىيىدىن تەپىلغان قەدىمكى قەبرىلەر ۋە يادىكارلىقلار ھەققىدە

بۇ ھەقتە ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭلار

تۈركىيە ئالىملىرى موڭغۇلىيىدىكى قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاغانلىقى پايتەختى جايلاشقان ئورۇنلاردىن بىر قىسىم قەبرىلەرنى تاپقان بولۇپ، بۇ قەبرىلەردىن بەزى قەدىمىي بۇيۇملارمۇ بايقالغان. تۇركىيە ئالىملىرى بۇ قەبرىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنىمۇ پەرەز قىلىشقان.

بۇ ھەقتە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ماقالىلار ۋە ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.