«تۈرك دۇنياسى تارىخ ژۇرنىلى»نىڭ 7 - ئايلىق سانى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بېغىشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.07.26
turk-dunyasi-mukapatigha-erishken-eserler-100.jpg turk-dunyasi-mukapatigha-erishken-eserler-100.jpg
Photo: RFA


مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە تۇرۇشلۇق شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان «تۈرك دۇنياسى تارىخ ژۇرنىلى»نىڭ 7 - ئايلىق سانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى. ئايدا بىر سان نەشىر قىلىنىۋاتقان ژۇرنالنىڭ 2015 - يىلى 7 - ئايلىق سانى مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئايرىلغان بولۇپ، مەزكۇر ساندا ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى كۆزخان يازغان ئەپەندى يازغان «تۈركلەرنىڭ قانىغان يارىسى - شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق باش ماقالىسىغا، در. قىلىچ بۇغرا قانات يازغان «شەرقىي تۈركىستان تراگېدىيىسى - ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان زۇلۇم» ماۋزۇلۇق ماقالىسىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان «شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆھبەت» ماۋزۇلۇق ئۇزۇن سوھبەت خاتىرىسىگە ئورۇن بېرىلگەن.

تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەقپىنىڭ باشلىقى، ژۇرنالنىڭ باش تەھرىرى كۆزخان يازغان ئەپەندى، ژۇرنالغا يازغان باش ماقالىسىدا شەرقىي تۈركىستانغا بېغىشلاپ مەخسۇس سان چىقىرىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان:

بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ كۆپىنى خىتايلار ئىگىلەپ بولدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قىيىن ۋەزىيەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. خىتاينىڭ بۇ بېسىمىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار ۋەھشىلىك بىلەن باستۇرۇلماقتا. جامائەت ئەرباپلىرى، زىيالىيلار خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنماقتا، تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلماقتا.

ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق مىللەت ھالىغا چۈشۈپ قالغان ئۇيغۇرلار، ئىشسىز قالماقتا، يوقسۇللاشتۇرۇلماقتا ۋە ئۇيغۇرلار خىتايلاشتۇرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قاراپ تۇرماقتا. بۇنداق بىر پەيىتتە ئۇيغۇر تراگېدىيەسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن مەخسۇس سان چىقاردۇق.

بىز ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا سوھبەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر خەۋەر تەتقىقات مەركىزى مەسئۇللىرىدىن ھامۇت گۆكتۈرك ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سوھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇلار «تۈرك دۇنياسى تارىخ ژۇرنىلى»نىڭ 28 يىلدىن بېرى ئىزچىل ھالدا نەشىر قىلىنىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئارخېئولوگىيەسى توغرىسىدىكى ماقالىلارغا ئورۇن بېرىلگەن ژۇرنال ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر رايونلىرىغا تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ژۇرنالنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقىرىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.