بۈگۈن بارىن ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 25 - يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.
تارىخىي مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، 1990 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى 200 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياش بارىن يېزىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى ھۆكۈمەتتىن تەلەپ قىلغاندا، خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرى قوراللىق باستۇرغان ھەم ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىدى. بارىن ۋەقەسى ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى تارىخىدا مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى ئېيتىلغان ئىدى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاخبارات ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بارىن ۋەقەسى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنى بەردى. ھامۇت گۆكتۈرك، بارىن ۋەقەسى يۈز بېرىپ 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 1993 - يىلى ھەر خىل يوللار بىلەن بارىن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى شۇ كۈندىن تارتىپ تۈركىيەدە ھەر يىلى بۇ ۋەقەنىڭ خاتىرلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بولسا، تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەپ، باياناتلار ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ماتېرىياللاردا يېزىلىشىچە، بارىن يېزىسى ئاقتۇ بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، يېزا مەركىزى ناھىيە بازىرىدىن 17 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن. 1990 - يىلىدىكى نوپۇسى 19 مىڭ 650 بولۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستىغا قارايدىكەن.
تەتقىقاتچى ھامۇت گۆكتۈركنىڭ ئېيتىشىچە، بارىن يېزىسى بۇ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم يېزىلاردىن بىرى بولۇپ، 1950 - يىلىدىن تارتىپ، 4 قېتىم چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەن.
تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭلار.
0:00 / 0:00