ئۇنتۇلمىغان شەخسلەر: توختى قۇربان-شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ رەئىسى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2022.09.08
ئۇنتۇلمىغان شەخسلەر: توختى قۇربان-شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ رەئىسى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى توختى قۇربان. (1924-1970)
Photo: RFA

يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق پېشقەدەم ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيسى، تونۇلغان شائىر ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر ژۇرنالىستى ۋە سىياسىي كۈرەش يېتەكچىسى توختى قۇربان ھەققىدىكى ئەسلىمىسى تارقالدى. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا توختى قۇربان 1960-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب-شىمالىدا كەڭ كۆلەمدە ھەرىكەت قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى دەپ ئاتالغان سىياسىي پارتىيەنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇ ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرى، رەھبەرلىرى 1968-1970-يىلى ئارىسىدا قولغا ئېلىنىپ، توختى قۇربان 1970-يىلى 5-ئايدا بىرقىسىم سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئەخمەت ئىگەمبەردى توختى قۇرباننى «ئۇلۇغ مۇجاھىد ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمانى، ئاتاقلىق ژۇرنالىست، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ گۈلتاجىسى» دەپ ئاتايدۇ.

توختى قۇربان ئەسلىدە، يەنى 1950-يىللاردىن 1960-يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت- «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى، بولۇپمۇ زىيالىيلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى.

توختى قۇرباننى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتداش بولغان ھازىر ئىستانبۇلدا ياشايدىغان پروفېسسور سۇلتان ماخمۇت ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، توختى قۇربان ناھايىتى بىلىملىك، پەلسەپىۋى تەپەككۇرغا ئىگە، مىللەتپەرۋەر، مەردانە كىشى ئىدى. ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى سىياسەتلىرىنى ئاشكارا تەنقىدلىگەنلىكى ۋە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن «ئوپپورتۇنىست» دەپ ئاتىلىپ 1960-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

توختى قۇربان 1924-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ، 1940-يىللاردا شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپ، تۇرغۇن ئالماس قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان. ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، توختى قۇربان 1945-1946-يىللىرى ئۈرۈمچىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مەخپىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان.

پروفېسسور سۇلتان ماخمۇتنىڭ ئېنىقلىشىچە، توختى قۇربان 1949-يىلى ئۈرۈمچىدە يەنە 4 مەخپىي تەشكىلاتنى بىرلەشتۈرگەن ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلانغانىدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا ۋە باشقا جايلاردىكى ھەر قايسى قاتلامدا كەڭ ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى، مەزكۇر تەشكىلاتقا ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرقىسىم يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كادىرلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلىنغان كىتابلاردىمۇ ئاشكارىلانغانىدى. خىتاي تارىخچىلىرىدىن ما داجېڭ ۋە چېن چاۋ قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىدا قەيت قىلىشىچە، توختى قۇربان 1960-يىللاردا «شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى» نى بەرپا قىلىپ ئۇنىڭ رەئىسى بولغان. چېن چاۋنىڭ يېزىشىچە، 1968-يىلى 2-ئايدا ئىلگىرى قۇرۇلغان «ئۇيغۇرىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى» رەسمىي تۈردە «شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى» بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، توختى قۇربان بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئىدى. مەزكۇر پارتىيەنىڭ نىشانى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش» بولۇپ، ئۇنىڭ نىزامنامىسى، پارتىيە بەلگىسى، پارتىيە بايرىقى، پروگراممىسى ۋە تەشكىلى كېڭىيىش پىلانى بار ئىدى. مەزكۇر پارتىيە 1969-يىلى ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئىلى، ئالتاي، بورتالا قاتارلىق جايلاردا كومىتېت ۋە شۆبە كومىتېتى، ياچېيكا بولۇپ، 78 ئورگان قۇرغان. بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ ئەزالىرى 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. 1968-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى توختى قۇربان قاتارلىق مەزكۇر پارتىيەنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئەزالىرىنى تۇتۇشنى باشلىغان بولۇپ، سۇلتان ماخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 1970-يىلى، 5-ئايدا توختى قۇربان باشلىق بىرقىسىم كىشىلەرگە ئۈرۈمچىدە كوللېكتىپ ھالدا ئۆلۈم ئىجرا قىلغان.

ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1968-1970-يىللىرى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن ئېلىپ بارغان بولۇپ، تۇتۇلغانلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئەنە شۇ قېتىمدا شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر ژۇرنالىستى توختى قۇربان، نىياز ئۆمەر قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرۈلگەندىن باشقا يەنە غۇلجا ۋە باشقا جايلاردىمۇ يەنە بىر قىسىم زىيالىيلار ئېتىپ تاشلانغان.

ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور سۇلتان ماخمۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، توختى قۇربان قاتارلىق ئۆلتۈرۈلگەن ئاشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسى پولكوۋنىكى مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف، ش ئۇ ئا ر مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق شەرقىي تۈركىستان «ئىتتىپاق» تەشكىلاتى مەركىزىي كومىتېتى ۋاقىتلىق رەئىسى ئەسنەت ئىسھاقوف قاتارلىقلارمۇ شۇ قېتىمدا «شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى» نىڭ «پەردە ئارقىسىدىكى رەھبەرلىرى» دەپ قارىلىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، سىرلىق تۈردە ھاياتىدىن ئايرىلغان. خەلق ئىچىدە ئۇلار تۈرمىدە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلدى دېگەن گەپ-سۆزلەر تارقالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ ماتېرىياللىرىدا شۇ قېتىمدا 1165 نەپەر شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى ئەزاسىنىڭ قولغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ 234 نەپىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ ماتېرىياللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى» ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كەڭ بىر مەخپىي تەشكىلات بولغانلىقى، ھەتتا بۇنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭ شۆبىسى» نىڭ باشلىقى ئاخۇنوف، مىجىت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدا 1969-يىلى 8-ئايدا بىر مەيدان قوراللىق قوزغىلىش بولۇپ، باستۇرۇلغانلىقى ئېتىراپ قىلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.