دوكتور بەھرەمجان غىلاۋىدىنوف ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ھەققىدە
2015.09.13
مەلۇمكى، دۇنيا سەنئىتى ئۆز تارىخىدا بىر نەچچىلىگەن دەۋرلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. سەنئەت ئەنە شۇ دەۋرلەر شارائىتىغا ماسلىشىپ، بىردە ئېگىز پەللىلەرگە يېتىپ، بىردە چۈشكۈنلۈكلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، نەتىجىدە ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن شەكلى ۋە مەزمۇنى جەھەتتىن بېيىدى. بۇنىڭغا، ئەلۋەتتە، شۇ دەۋرلەردە يارىتىلغان مۇمكىنچىلىكلەر، يەنى بولۇپمۇ مەملىكەت رەھبەرلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىجابىي رولى، سەنئەت ۋەكىللىرىنىڭ پائالىيەتچانلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە باشقىمۇ ئامىللار سەۋەب بولدى. ئەنە شۇنداق خەلقلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخىدا كۆپلىگەن تارىخىي بۇرۇلۇشلارنى، سىياسىي ۋە ئىدىيىۋى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرسىمۇ، باي ۋە مەزمۇنلۇق سەنئەت يادىكارلىقلىرىنى يارىتىپ كەلدى. ئۇلار ئىچىدە بولۇپمۇ تەسۋىرىي سەنئەت جەۋھەرلىرى ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە.
ئۇيغۇرلارنىڭ تەسۋىرىي سەنئىتى قاچان ۋۇجۇدقا كەلگەن ھەم ئۇ قانداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتى؟ جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزدىمۇ؟ ئۇنىڭ تەرەققىي ئېتىشىگە شارائىت بولدىمۇ؟
بىز بۇ ھەقتە مېمارچىلىق پەنلىرىنىڭ دوكتورى بەھرەمجان غىلاۋىدىنوف بىلەن تۆۋەندىكى سوئاللار ئاساسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق:
- ئومۇمەن تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ ئادەمزات تارىخىدا تۇتقان ئورنىغا قانداق باھا بەرگەن بولاتتىڭىز؟
- ھەر بىر خەلقنىڭ تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ۋە تەرەققىي ئېتىشىگە بىرەر شارائىت يارىتىلىشى كېرەك. ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسۋىرىي سەنئىتى قانداق قىلىپ مەيدانغا كەلدى؟
- ئۇيغۇرلار ھەم ئۇلارنىڭ تەسۋىرىي سەنئىتى ئۆز تارىخىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرگە دۇچار بولدى دەپ ئويلايسىز؟
- ئۇيغۇرلارنىڭ تەسۋىرىي سەنئىتى تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان دەۋرلەر قايسى ۋاقىتلار دەپ ئويلايسىز؟
- ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن مىللىي تەسۋىرىي سەنئەتتە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟
- سىز مېمارچىلىق سەنئىتىنىڭ بىر مۇتەخەسسىسى سۈپىتىدە مۇشۇ مېمارچىلىق سەنئىتى بىلەن تەسۋىرىي سەنئەت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىق ھەققىدە نېمە دەيمىز؟
- 20-ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان ئۇيغۇر تەسۋىرىي سەنئىتى ھەققىدە توختىلىپ باقسىڭىز.