ئىشچىلىقتىن گېنېراللىققىچە - زۇنۇن تېيىپوفنىڭ جەڭگىۋار ھايات مۇساپىسى (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.10.05
Zunun-teyipof.jpg مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇسقا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كوماندىرلارنىڭ سۈرىتى. ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف. 1950-يىلى، غۇلجا.
RFA/Oyghan

«ئازادلىق تەشكىلاتى» دىن مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانىغىچە

تارىخچىلارنىڭ يەكۈنلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن ئومۇمىي تارىخىدا، جۈملىدىن 19-20-ئەسىر تارىخىدا كۆپلىگەن مەشھۇر ئەربابلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق ئىزلىرىنى قالدۇردى.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرىنى چۈشىنىشتە بۇ شەخسلەرنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى، ئېلىپ بارغان ئىش-ھەرىكەتلىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

ئەنە شۇنداق مەشھۇر ئەربابلارنىڭ بىرى زۇنۇن تېيىپوف بولۇپ، ئۇنىڭ ھايات قىسمەتلىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يەتتىسۇ ۋادىلىرىدىن باشلىنىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا يۈكسەك پەللىگە يېتىش بىلەن قايتىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئاخىرلاشتى.

ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك مەكتەپ ھاياتى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆتكەن بولسا، ياشلىق دەۋرىنىڭ قىران چاغلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي، گومىنداڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەم خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى دەۋرلىرى بىلەن زىچ باغلاندى.

ئاددىي ئىشچىدىن ھەربىي ھايات مۇساپىسىنى باشلىغان زۇنۇن تېيىپوف شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكى ۋە مۇئاۋىن باش قوماندانلىق دەرىجىسىگىچە، 1949-يىلى 12-ئايدىن كېيىن بولسا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ «شىنجاڭ ھەربىي رايونىنى» نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ۋە 1955-يىلى گېنېرال مايورلۇققىچە يېتىپ بېرىپ، تاكى 1961-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكۈچە ھەربىي تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇنىڭ تاكى 1984-يىلى ۋاپات بولغۇچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزگەن ھايات مۇساپىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلۇپ، رەقىبلىك دەۋرىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ھايات پائالىيەتلىرى مۇرەككەپ كۈرەشلەر ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە باش قاتۇرۇش بىلەن ئۆتكەن ئىدى.

زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر سىياسىتى تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي -سىياسىي تارىخى» ماۋزۇلۇق كىتابىنى رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلدۇرغان تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر تارىخىدىكى مۇھىم رول ئوينىغان ھەربىي-سىياسىي شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر.

زۇنۇن تېيىپوف 1917-يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت، يەنى پانفىلوۋ شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ شەھەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيەسى رۇس مەكتىپىدە ئالغان، ئەمما، 1931-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان كوللېكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئاچارچىلىق يۈزبەرگەن بولۇپ، ئەنە شۇ ۋاقىتتا زۇنۇن تېيىپوف ئائىلىسى باشقا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە غۇلجىغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان.

قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ كۈرەش ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئېلىخان تۆرە قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە مۇھىم يەر ئاستى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغاندىن تاشقىرى 1944-يىلى 7-نويابىر كۈنىدىكى غۇلجا قوزغىلىڭىدىكى رەھبىرى شەخسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، 12-نويابىر كۈنىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان ۋە ئىلگىرى-كېيىن پارتىزانلىق ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.

ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنغان «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى » ماۋزۇلۇق كىتابتىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ھەيئىتى 1945-يىلى 2-ئايدا ئۇنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، ئارقىدىن شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ھۆكۈمەت ھەيئىتى 33-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، رەھىمجان سابىر ھاجىنى ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەپ، ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرلىق ئورنىغا زۇنۇن تېيىپوفنى تەيىنلىگەن.

زۇنۇن تېيىپوف ھەربىي ئىشلار نازىرىلىق خىزمىتى جەريانىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرغان ۋە مىللىي ئارمىيە قۇرۇشقا ئائىت كومىسسىيە تەركىبىدىن ئورۇن ئالغان. 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلغاندا ئۇ پودپولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن مىللىي ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ۋە كېيىنرەك پولكوۋنىكلىككە ئۆستۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىقىغا يەرلىك رۇسلاردىن گېنېرال ئىۋان پالېنوف تەيىنلىنىپ، زۇنۇن تېيىپوف بىلەن ئىسھاقبېك مۇنونوف ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى ئىدى. رۇسلاردىن ماژاروف شتاب باشلىقى بولغان.

ئامېرىكىدىكى تارىخچى دوكتور قاھار باراتنىڭ ئېيتىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ھەربىي بىلىمى بار كىشىلەر ھېسابلىناتتى، كېيىن ئۇ ئوتتۇرا يۆنىلىش فرونتىدىكى ۋە مىللىي ئارمىيەدىكى ئاساسلىق قوماندانلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

زۇنۇن تېيىپوف مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاساسىي ئىككى يۆنىلىشتىكى ئۇرۇشلىرىغا ئىشتىراك قىلدى.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.