پروفېسسور نەزەر: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىغا ئىگە چىقالماسلىقى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنەلمەسلىكىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2013.04.28
muhemmed-omer-nezer-305.jpg پرو. در. مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر ئەپەندى
RFA/Ekrem

27 - ئاپرىل كۈنى د ئۇ ق ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، تۈركىيىدىن كەلگەن پرو. در. مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر ئەپەندى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەت زالىدا ئۇيغۇرلارغا تىببىي ئىلىملەردىن ساۋات بەردى.

بۇ پائالىيەت شەنبە كۈنى كەچ سائەت 6:00 - 9:30 غىچە قەدەر داۋاملاشتى. تىببىي ئىلىملەردىن ساۋات بېرىش ئىككى خىل تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. بىرى، بۈگۈنكى مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىنىڭ رولى ۋە داۋالاش ئۈنۈمى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر جامائىتى پرو.در. مۇھاممەد ئۆمەر نەزەر ئەپەندىدىن ئۆزلىرى گىرىپتار بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەر توغرۇلۇق سوئاللار سورىدى. نەزەر ئەپەندى زامانىۋى تىببىي ئىلىم ۋە ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى نۇقتىسىدىن بۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدا چۈشەنچىلەر بەردى.

كىشىلەرنى ھەممىدىنمۇ بەكرەك قىزىقتۇرغىنى، بۈگۈنكى تىببىي ئىلىم دۇنياسىدا يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان دورا ۋە داۋالاش رېتسىپلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى تارىخىدا قانچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا قوللىنىلىپ كېلىنگەنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلار بولدى. ئەجداتلىرىمىز تارىختا يەكۈنلەپ چىققان داۋالاش ئۇسۇلى ۋە رېتسىپلىرىنىڭ ھازىرقى زاماندىمۇ رولىدىن قالمىغانلىقى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

ميۇنخېن شەھرىدە ياشاۋاتقان دىنىي زاتلاردىن ئابدۇجېلىل ئەپەندى بۇ خۇسۇستا تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ، ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە بولغان قايىللىقىنى ئىزھار ئەيلىدى. مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدىكى ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى راھىلە خانىم بولسا، بۇ قېتىمقى لېكسىيىدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئانىلارنى سۈپەتلىك تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەئىدە تىبابەت ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پرو. در. مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر ئەپەندى پائالىيەت خاتىمىسىددە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىي تىباتى ئىلمى توغرىسىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ۋە تونۇتۇش لازىملىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە، يىڭنە بىلەن داۋالاش قاتارلىق ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە توختالدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر جامائىتى ئاخىرىدا، بۇ قېتىمقى لېكسىيىدىن كۆپ مەمنۇن بولۇشقانلىقلىرىنى ئىزھار قىلىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.