ئابلەت خوجايېف: ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار تەييارلىدى
2024.01.25
پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف: قىرغىنچىلىق چيەن لوڭ ۋە زو زوڭتاڭدىن باشلانغان ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېتەكچى تەتقىقاتچىسى پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف. تاشكەنت.
RFA/Ümidwar

ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە ئونلىغان ئىلمىي تەتقىقات كىتابلىرى ۋە بىرقانچە يۈز ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئاپتورى، بىر ئۆمۈر قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان خىتاي مەنبەلىرى بويىچە تارىخ تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى ئالىمى، پىروفېسسور، 81 ياشلىق ئابلەت خوجايېف ئەپەندى خىتاي مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنغان «دى»، «گۇيفاڭ» دەپ ئاتالغان خەلقلەرنىڭ ئەسلى تۈركلەر ئىكەنلىكى، ئەنە شۇ «دى» قاتارلىق خەلقلەرنىڭ ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەجدادى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابلەت خوجايېف يېقىندا «خىتاينىڭ غەربىي چېگرالىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي كىتابىنى تاشكەنتتە رۇس تىلىدا نەشر قىلدۇرغانىدى. ئۇ، خىتاي تارىخچىلىرى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تارىخىغا ئائىت «ئاقتاشلىق كىتابى» دىكى ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ باغلىنىشى يوقلۇقى ھەمدە تۈرك ۋە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەنلىكى كۆز قاراشلىرىنى رەت قىلىدىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىروفېسسور ئابلەت خوجايېفنىڭ قارىشىچە، تۈركلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ناملىرى خىتاي تارىخ ھۆججەتلىرىدە ھەر قايسى دەۋرلەردە ھەر خىل خەتلەر بىلەن خاتىرىلەنگەن. مەزكۇر خىتايچە ناملار، يەنى خەتلەرنى ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى خىتاي تىلىدىكى ئوقۇلۇشى بويىچە ئوقۇشقا بولمايدۇ. مەزكۇر خەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەر، ئوتتۇرا ئەسىرلەر ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىمۇ ئۆزگىچە ئوقۇلۇشى بار. خىتاي تارىخ ھۆججەتلىرىدە تۈرك دېگەن سۆز ئەڭ دەسلەپ، مىلادىدىن ئىلگىرى 21-16-ئەسىرلەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىرلەردە «ئىدى» خېتى بىلەن يېزىلغان. «ئىدى» سۆزى ئوقۇلۇش جەھەتتىن تۈرك سۆزىگە ئاھاڭ بويىچە يېقىن بولغان. ھەتتا قەدىمكى خىتايلار يېزىپ قالدۇرغان، ئەمما ھازىرقى خىتايچىدا «يۈئېجى» دەپ ئاتالغان خەلق نەق ئۇيغۇرلارنىڭ يىلتىزلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ سۆز ئەمەلىيەتتە ئوغۇزىيە سۆزىگە ئاھاڭ جەھەتتىن يېقىندۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈركلەر يىراق قەدىمكى دەۋرلەردىلا ئوردوس يايلىقى ۋە ئۇنىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى كەڭ جايلاردا ياشىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ يىراق قەدىمدىن تارتىپلا شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تۈركلەر ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئېلىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا، يەنى غەربىي تۈركىستانغا موڭغۇلىيە ياكى باشقا جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن ئەمەس. قەدىمكى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئىككىلىسى بىر خەلق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرك بىلەن ئۇيغۇرنى ئايرىۋېتىشنى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.