خەمىت كەنجىبايېف: 1944 - 1949 - يىللىرى رۇسلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.10.20
Xemit-Kenjibayef-xemit-kenji.jpg سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايەف.
RFA


1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قاتناشقۇچىسى، سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايېف بۇ يىل 91 ياشقا كىردى. خەمىت كەنجىبايېف ئەپەندى ھازىر قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ياشىماقتا.

خەمىت كەنجىبايېف باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى غۇلجا شەھىرىدىكى رۇس باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە رۇس گىمنازىيىسىدە ئالغان بولۇپ، رۇس گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان.

ئۇ، 1944 - يىئى، 11 - ئايدا مىللىي ئىنقىلاب پارتلىغاندا ئىنقىلابقا قاتناشقان ھەم ئاقسۇدىكى ئۇرۇشلاردا بولغان. 1945 - 1949 - يىللىرى ئارىسىدا مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىدا 4 يىل خىزمەت قىلىپ، مايور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى.

خەمىت كەنجىبايېف رۇس تىلىنى ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەن ئوفىتسېرلار ۋە غۇلجىدىكى رۇسلاردىن يېتىشىپ چىققان ئوفىتسېرلار بىلەن يېقىن ئالاقىلاردا بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، غۇلجىدىكى رۇسلار مىللىي ئىنقىلابقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلغان.

ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ رۇسلار 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا سوۋېت رۇسىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىپ قېچىپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، مەزكۇر رۇسلار 1931 - 1934 - يىللىرى جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئىشقا سېلىنىپ، ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ئىدى، ئەمما، بۇ قېتىم ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان.

دىققىتىڭلار ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار ھازىرلىغان خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئىنقىلاب ئەسلىمىسىگە ئائىت سۆھبەتلەرنىڭ داۋامىدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.