ھەپتىلىك خەۋەرلەر (30-ئىيۇلدىن 5-ئاۋغۇستقىچە)
2016.08.06
1. خاڭجۇ ساقچى دائىرىلىرى چىقارغان ئۇيغۇرلارنى مەلۇم قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش كۈچلۈك ئىنكاس قوغىدى
يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھەرقايسىي ئىدارە-ئورگانلارغا چۈشۈرگەن بىر جىددىي ئۇقتۇرۇشى كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇرلار بايقالغان ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلىش تەلەپ قىلىنىپ، مەلۇم قىلغۇچىغا 500 سوم مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ھالبۇكى، خاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى چىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇش «20 دۆلەت گۇرۇھى» باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلۇش ئالدىدا تۇرغاندا توردا تارقالغان. خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن چېن پوكۇڭ بۇنى «خىتاي دۆلەت تېررورچىلىقىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن بولسا، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن «خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل قىلمىشى ناتسىستلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىيلارغا قاراتقان ئېتنىك تازىلاش سىياسىتىن ھېچقانداق پەرقى يوق،» دېدى.
2. تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ خوتۇن-باللىرى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى
تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان خوتۇن-بالىلىرى يېقىندا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
مۇراجىئەتنامىدە، تايلاند تۈرمىسىدە ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ كېلىنگەن خوتۇن-بالىلىرىنىڭ ئېغىر قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ھەمدە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا جامائىتىنىڭ ياردەم بېرىشى چاقىرىق قىلىنغان.
مۇراجىئەتنامىدا يەنە ئىستانبۇلدا ئىگە-چاقىسىز قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تايلاندتا ھېلىھەم 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىر تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.
3. ياپونىيەدە «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ناملىق تور تېلېۋىزىيەسى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن
30-ئىيۇلدىن باشلاپ ياپونىيەدە تارقىتىلىشقا باشلىغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ناملىق تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۇنجى پروگراممىسى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» تور تېلېۋىزىيەسى بۇندىن كېيىن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېڭى پروگراممىلارنى تەييارلاپ كۆرۈرمەنلەر دىققىتىگە سۇنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيەدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە قانىلى «ساكۇرا» بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ناملىق تور تېلېۋىزىيەسىنى تارقىتىدىكەن. ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەھمۇت، مەزكۇر تور تېلېۋىزىيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەن تارىخ، مەدەنىيىتىگە دائىر مەزمۇنلارنىڭ كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
4. ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۆزىنىڭ خىتاي قاماقخانىلىرىدىكى قاباھەتلىك كەچۈرمىشلىرىدىن ئەسلىمە تەقدىم قىلدى
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ 2011-يىلى ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىشى ۋە خۇسۇسىي مەكتەپ ئېچىپ، كرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن يېڭى يول ئاچماقچى بولغانلىقى ئۆز خەلقىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن قايغۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا نىسبەتەن زور بىر سىناق بولغان ئىدى.
ھالبۇكى، بۇ ئېغىر سىناققا تەۋەككۈل قىلغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچرايدۇ.
بۈگۈن تۈركىيەدە ھۆر ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ رايونلۇق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى بىلەن ليۇداۋان ۋە مىچۈەن قاماقخانىلىرىدا بېشىدىن كەچۈرگەن قاباھەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر دىققىتىگە سۇندى.
5. ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە-كويلاردا رېشاتكا قۇرۇپ باشقۇرۇش كېڭەيتىلمەكتىكەن
يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە-كويلاردا رېشاتكا قۇرۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
يەرلىك دائىرىلەر بۇنىڭ «مۇقىملىق» ئۈچۈن ئېلىنغان بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
شاھىتلارنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى رېشاتكا بىلەن قورشاۋغا ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن دائىرىلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بەيگە مەيدانى، يامالىق تېغى رايونى قاتارلىق جايلىرىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر مەھەللە-كويلىرىنى چېقىپ-تۈزلىۋەتكەن بولۇپ، رېشاتكىلىق مەھەللە قۇرۇش چارىسىنى تەدرىجىي يولغا قويغان ئىكەن.
6. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىستۇدېنتلارغا ئۇيۇشتۇرۇلغان تەتىللىك سىياسىي تەشۋىقات لېكسىيەلىرى داۋام قىلماقتىكەن
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىللىق يازلىق تەتىل ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ پىلانلىشى بىلەن «سىياسىي تەشۋىقات» لېكسىيەسى ئاڭلاشقا ئۇيۇشتۇرۇلماقتىكەن.
يەرلىك مائارىپ خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 27-ئىيۇل كۈنى قۇمۇل شەھىرىنىڭ قارادۆۋە بازىرىدا يازلىق تەتىل مەزگىلىدە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇلغان.
خوتەن مائارىپ تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا يېزىسىدا بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ، ئوقۇغۇچىلار ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىۋېلىنماقتىكەن.