ھەپتىلىك خەۋەرلەر (17-يانۋاردىن 23-يانۋارغىچە)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.01.23
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

خىتاي ساقچىلىرى ۋىيېتنام چېگراسىدا ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

مەلۇم بولۇشىچە، 18-يانۋار كۈنى خىتاي ساقچىلىرى ۋىيېتنام چېگراسىغا يېقىن گۇاڭشىنىڭ پىڭشياڭ شەھىرىدە ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىرقانچىسىنى تۇتقۇن قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن بىرقانچە ئۇيغۇر مۇساپىر ئاپتوموبىل بىلەن ۋىيېتنام چېگراسىغا كېتىۋاتقاندا بايقىلىپ قالغان. خىتاي ساقچىلىرى نەق مەيداندا ئوق چىقىرىپ ئىككى ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئىككىسىنى تىرىك تۇتقان.

بىر نەپەر ئۇيغۇر نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ 19-يانۋار كۈنى پىڭشياڭدىكى بىر تاغدا تۇتۇلغانلىقى مەلۇم. خىتاي ساقچىخانىسى شۇ كۈنى چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۇچۇرىنى بەرگۈچىلەرگە 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى چېگرا ئاتلاپ چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا نىقاب شەكلىدىكى كىيىملەرنى كىيىش رەسمىي چەكلەشنى جاكارلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە غەيرى-رەسمىي يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان دىنىي يوسۇندا كىيىنىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى يېقىندا رەسمىي قانۇنلاشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا نىقاب شەكلىدىكى كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» كېلەر ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن.

مەزكۇر بەلگىلىمىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قانداق ئاممىۋى سورۇندا جىلباپ، پەرەنجە، چۈمبەل قاتارلىق كىيىملەرنى كىيىش مەنئى قىلىدىكەن. بەلگىلىمىدە يەنە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاتالمىش «جىنايى قىلمىشى» سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ۋە تېگىشلىك جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي كىيىملەرنى كىيىشنى مەنئى قىلىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى ۋە قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى «كىچىك ئالما» ئۇسۇلىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى، ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى كوللېكتىپ ھالدا «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» نى ئويناشقا مەجبۇرلانغانلىقى جىددىي دىققەت قوزغىماقتا.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن فېيسبۇكتا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى دىنىي زاتلارنى كوللېكتىپ ھالدا «كىچىك ئالما ئۇسۇلى» نى ئويناشقا سالغانلىقى ھەققىدىكى بىر كۆرۈنۈشلۈك خەۋەر تارقالغان.

بۇ ھەقتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە يازغۇچىلىرى جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنى سەگەك بولۇشقا چاقىردى.

تايلاندنىڭ خاتياي تۈرمىسىدە 140 نەپەر مۇساپىر ئاچلىق ئېلان قىلدى

تايلاندنىڭ خاتياي شەھىرىدىكى بىر تۈرمىگە قامالغان 140 نەپەر مۇساپىرنىڭ يېقىندا كوللېكتىپ ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم.

بۇ ئۇچۇرلارنى مەزكۇر تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلىشقا قاتناشقان، ئەمما ئىسىم-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر مۇساپىر رادىئومىز زىيارىتى داۋامىدا ئاشكارا قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خاتياي شەھىرىگە جايلاشقان بۇ تۈرمىنىڭ شارائىتى پەۋقۇلئاددە ناچارلىشىپ كەتكەن. بۇ يەرگە قامالغان 140 نەپەر مۇساپىر بىر يىلغا يېقىن داق سېمونت ئۈستىدە يېتىش، ناچار تاماق ۋە ساپ ھاۋانىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چىدىغۇسىز ئەھۋالدا قالغان.

خاتياي تۈرمىسىدىكى مۇساپىر تۇتقۇنلار رادىئومىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئادالەتنى ياقلايدىغان دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە جامائەتچىلىكتىن ئۆزلىرىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىم ۋاپات بولدى

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىم، 21-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە 37 يېشىدا ۋاپات بولغان.

بوكس ماھىرى ئابدۇراخمان ئابلىكىم 1998-يىلىدىن بۇيان 75 كىلوگراملىقلار بويىچە كۆپ قېتىم ئاسىيا چېمپىيونى بولغان.

ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ خەلقئارا ۋە خىتاي بوكس سەھنىلىرىدىكى نەتىجىلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىشەنچ ۋە مەدەت بېغىشلىغان.

ئۇ 1998‏-يىلدىن 2003‏-يىلىغا قەدەر ئۇدا 6 قېتىم، 2005 ‏-يىلىدىن 2009 ‏-يىلىغىچە ئىككى قېتىم بوكس چېمپىيونى بولغان.

مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ جىنازا نامىزى ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتىدە چۈشۈرۈلگەن. نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەرھۇمغا بولغان ھۆرمىتى ۋە دۇئا-تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن.

خوتەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىچىملىك سۈيى بىخەتەر ئەمەسلىكى مەلۇم

خوتەن ۋىلايىتىدە تېخىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇغا ئېرىشەلمىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1990‏-يىللارنىڭ باشلىرىدا خوتەندە بىخەتەر ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قۇرۇلۇشى باشلىغان. ھالبۇكى، 2 مىليون ئاھالە ياشايدىغان خوتەندە بۈگۈنگە قەدەر 1 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ يەنىلا تازىلانمىغان كۆل سۈيىنى ئىچىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ ئۇچرايدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، تېببىي ساھەدىكىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىخەتەر بولمىغان ئىچىملىك سۇ رايوندىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىكەن.

كېرىيە ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان ئايال رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئۆيلەرگە تۇرۇبا ئۇلانغان بولسىمۇ، لېكىن سۇنىڭ يەنىلا تازىلانمىغان سۈنئىي كۆللەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.