ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق سارايدا جەۋھەر ئىلھام بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام قاتارلىق 27 ۋەكىلنى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام پرېزىدېنت ترامپقا دادىسى، يەنى سىياسىي تەنقىدلىرى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى غايەت زور تۇتقۇن ۋە لاگېرلار مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېغىر پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقاندا ئاق سارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشى ئۇيغۇرلارنى تولىمۇ خۇرسەن قىلغان.
2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېمىلاردىن بولدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ساھىبخانىلىقىدىكى 2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى 15-ئىيۇل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدە باشلىنىپ بىر قانچە كۈن داۋاملاشتى.
يىغىندا دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېغىر باستۇرۇشلارغا دۇچ كەلگەن خەلقلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق پاجىئەلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا سىياسىيونلىرى، ھەرقايسى دىنىي زاتلار ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.
يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى بىز ياشاۋاتقان 21-ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن بىر داغ» دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا سىياسىي قاتلىمىدىكى داڭلىق شەخسلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەقىقەتنى ياقلىدى
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ۋە زور تۇتقۇن مەسىلىسى دۇنيا ئاخباراتىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇۋاتقاندا ئامېرىكا سىياسىي قاتلىمىدىكى بىر قىسىم داڭلىق شەخسلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىيەتنى ياقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان رادىيومىز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قول قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقى ۋە زالىملىقىنى كەسكىن تەنقىدلەپ «ئۇيغۇرلار ئېغىر قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە» دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى تەنزىن دورجى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «خىتاي ئىمان ۋە روھنى ۋەيران قىلالمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە چاقىردى.
مىسىردىن قايتقان ئۇيغۇر ئاشپەزلەر «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
يېقىندا مىسىردىكى «ئەسلەم» ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا ئىشلىگەن يەتتە ئاشپەزنىڭ يۇرتى خوتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىر جىنايەتچىلەر گۇرۇھى دەپ قارىلىنىپ 10 يىللىقتىن 20 يىلغىچە مۇددەتتە قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئېغىر قىيىن-قىستاقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزلىرىنىڭ مىسىرغا بارغانلىقىنى «تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بارغانمىز» دەپ ئىقرار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.
مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان تۇتقۇندا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قولغا ئېلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى. شۇ قاتاردا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئاشپەزلەرنىڭ قىسمىتى ئاشۇ غايىب بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ۋاسىتىلىك ھالدا كۆرسىتىپ بەردى.
كارخانىچى قادىر رېھىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىگە ئادەم كۆپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
قەشقەر شەھىرىدىكى داڭلىق كارخانىچىلاردىن قادىر رېھىم ۋە ئۇنىڭ ھەدىسى مۇنەۋۋەر رېھىمنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 11 يىللىق ۋە 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى جايلاردا نەزىرگە كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 30 دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدىغانلىقى، خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر، ئۆلۈم مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى چەكلەشنى 3-4 يىلنىڭ ئالدىدا يولغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلەر، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ لاگېردىكى سىرلىق ئۆلۈملەرنى سىرتقا ئاشكارىلىماسلىق ئۈچۈن ئۆلۈم مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان كىشىلەر سانىنى 10-15تىن ئاشۇرمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
چېن چۈەنگوغا جازا بېرىش ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە بارغانسېرى كۆپ قوللاشقا ئېرىشمەكتە
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم 16-ئىيۇل كۈنى 2019-يىللىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنى جەريانىدا «چېن چۈەنگو يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنىنىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچرىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى يەر شارى ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى ئارقىغا سۈرۈپ كەلمەكتە ئىكەن. ئانالىزچىلار ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، «شىنجاڭ مەسىلىسى» دە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئالاقىدار خىتاي كارخانىلىرىغا ئېمبارگو قويۇشنى كەينىگە سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نەنسىي پېلوسىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئىككىنچى قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىشى ئىكەن.
0:00 / 0:00