ھەپتىلىك خەۋەرلەر (20-ئىيۇلدىن 26-ئىيۇلغىچە)
2013.07.26
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات كونتروللۇقى تەنقىدكە ئۇچرىدى
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ئاخبارات ۋە تور كونتروللۇقىنى تەنقىد قىلدى. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر كونتروللۇقىنى بىكار قىلىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.
تەشكىلات بۇ سۆزلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى نازارەت قىلىشى كەسكىنلىشىپ، ئۇيغۇر تورداشلارغا قارىتىلغان تەھدىت ۋە تۇتقۇن قىلىش ئەھۋالى ئەۋج چىققان مەزگىلدە قىلدى.
تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بېنجامىن ئىسمائىل خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاخبارات كونتروللۇقى ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
مەھبۇسنىڭ ئىنىسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى
مەشھۇر سىياسىي مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى 12 يىللىق كېسىلىپ جازا مۇددىتى 4 قېتىم ئۇزارتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلى مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاكىسى كېسىلگەن 24 يىلدىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ساقچىلارنىڭ نۇقتىلىق دىققەت مەركىزىگە ئايلانغان.
بۇ سەۋەبتىن ئابدۇراخمان ئابدۇۋەلىنىڭ يېقىنقى 24 يىللىق ھاياتىمۇ ساقچىخانىغا بېرىش ۋە كەلگەن ساقچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش بىلەن ئۆتكەن.
شۇڭا ئۇ، رادىئومىز ئارقىلىق جامائەتكە خىتاب قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگونىڭ قانۇنلىرى بويىچە ئاكىسىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
سىياسىي مەھبۇس ئابدۇكېرىم ئابدۇۋەلى بۇندىن 24 يىل مۇقەددەم تۈرمىگە تاشلانغان. ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىپ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرماقتا ئىدى.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا خەت يازدى
يېقىندا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئىدارە ھەيئەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
ئۇلار مەزكۇر ئوچۇق خەتلەردە بىردەك شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي بېسىملارغا قارىتا ئادالەت مەيدانىدا تۇرۇپ ئىپادە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن نىجات تۇرغۇن قاتارلىقلار مەزكۇر ئوچۇق خەت ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ۋە دىنىي بېسىمى سەۋەبكار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بېيجىڭ ئايرودرومىدا غايىب بولدى
تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىمىن تۈركىيەدىن خىتايغا كېلىپ قايتىشىدا، بېيجىڭ ئايرودرومىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن بېرى دېرىكى بولمىغان. ئۇنىڭ دوستى ئاتىكەم روزىنىڭ «قايدا سەن مۇتەللىپ» ناملىق ماقالىسىگە قارىغاندا، مۇتەللىپنى بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى 15-ئىيۇل تاڭ سەھەردە ئايروپورتتىن ئېلىپ كەتكەن.
ئاتىكەم روزى، مۇتەللىپ غايىب بولۇپ 172 سائەتتىن كېيىن، ئۇيغۇربىز تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، جامائەتنى مۇتەللىپنىڭ دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى.
مۇتەللىپ ئىمىن 2012-يىلى 10-ئايدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل 6- ئىيۇل بېيجىڭغا دوستىنى يوقلاپ كەلگەن ئىكەن.
ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن ئاكا-ئۇكىلار توردا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى
بورتالانىڭ ئارىشاڭ ناھىيىسىدە ئۆيى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن ئاكا-ئۇكىلار توردا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئادالەتسىزلىكىنى ئەيىبلىدى.
سالاھىدىن ۋە ئابلەت ئىسىملىك ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئۇيغۇربىز تور بېتىدە ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامىسى خىتاي تىلىدا يېزىلغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان.
مۇراجىئەتنامىدە بايان قىلىنىشىچە، سالاھىدىننىڭ ئانىسىدىن مىراس قالغان دۇكان ۋە ئولتۇراق ئويدىن تەشكىللەنگەن 139 كۋادرات مېتىرلىق قورۇسى ئۆتكەن ئاينىڭ 6-كۈنى مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەن. دائىرىلەر بىر يىل ئاۋۋال سالاھىدىن ئائىلىسىگە بىر يۈرۈش ئولتۇراق ئۆي ۋە بىر دۇكان بېرىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن. ئەمما، ئۆز چېقىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، چېقىلغان ئۆينىڭ ھەر كۋادرات مېتىرىغا 950 يۈەندىن پۇل بېرىدىغانلىقىنى بېكىتىپ ھۆججەت چۈشۈرگەن.
سالاھىدىن ئائىلىسى بۇ تۆلەمگە رازى بولمىغان ۋە ئاخىرى توردا مۇراجىئەت نامە ئېلان قىلىش ئارقىلىق جامائەت پىكرى توپلاش يولىنى تۇتقان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيغۇرلارغا ئىپتار بەردى
7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئىپتار پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. ئىپتار ۋىرگىنىيەنىڭ فەيرفەكس شەھىرىدە جايلاشقان تۈرك-ئامېرىكا دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىپتارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف باشچىلىقىدىكى كۆپ ساندا ئۇيغۇر قاتنىشىپ، بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.
پائالىيەت جەريانىدا خەتمە-قۇرئان قىلىندى، رابىيە قادىر خانىم ۋە ئالىم سېيىتوفلار سۆز قىلىپ، رامزاننى قۇتلۇقلىدى.
كىشىلەر ئۆيلىرىدە تەييارلاپ كەلگەن مەززىلىك يېمەكلىرىنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشۇپ، بىرلىكتە ئېغىز ئېچىشتى.