ھەپتىلىك خەۋەرلەر (13-ئاۋغۇستتىن 19-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.08.19

رابىيە قادىر: خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى خەتەر ئاستىغا ئىتتىرىۋاتىدۇ

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى 15-ئاۋغۇست خەۋەر تارقىتىپ، مۇشۇ ئاينىڭ ‏‏11-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا «تېررورلۇققا زەربە بېرىش دولقۇنى» قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رابىيە خانىم مەزكۇر ھەرىكەتنى خىتاينىڭ قەشقەر ۋە خوتەندىكى ۋەقەدىن ساۋاق ئالالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ھەتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىمۇ خەتەر ئاستىغا ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى

لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە تارقاتقان ئۇچۇرلارغا سوئال قويدى.

دوكلاتقا «بىر گۇۋاھچىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇندىن كېيىنكى ئەھۋاللار ھەققىدىكى بايانلىرى» دەپ نام بېرىلگەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي دائىرىلىرى ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاساسەن خىتاي ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈردى ۋە كوچىدا قاتار ياتقۇزۇلغان جەسەتلەرنىڭ رەسىملىرىنى ئېلان قىلدى. ئەمما، بۇ يەردە بۇ جەسەتلەرنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئېنىق دەلىللەر يوق ئىدى.

دوكلاتتا يەرلىكلەردىن ئىگىلىگەن نۇرغۇن يىپ ئۇچلىرى ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرغانلىقىغا ئائىت پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇرلار بۇداپېشتتىكى ھون قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى

ۋېنگرىيىنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھون قۇرۇلتىيىغا، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تائاملىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدى ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

قۇرۇلتاي 8‏-ئاينىڭ 12‏-كۈنىدىن 15‏-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى. قۇرۇلتايغا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن گېرمانىيە ۋە شۋېتسىيىدىن بولۇپ 20 دەك ئۇيغۇر قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۈمىد ئاگاھىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋېنگرىيىدە ماجارلار ئۇيغۇرلارنى بارغانسېرى چوڭقۇر چۈشىنىشكە ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىغان.

يەر تەۋرەش ئاپىتىدىكى ئۇيغۇرلار جان قايغۇسىدا، خىتاي كۆچمەنلەر مال قايغۇسىدا

«يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى» نىڭ نۇقتىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەشۋىق قىلىنغان پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ شېكەركۆل يېزىسىدا 11-ئاۋغۇست كۆرۈلگەن يەر تەۋرەشتە بىرمۇ ئۆينىڭ ساق قالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، 5.8 بال يەر تەۋرەش «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي» لەرگە زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ، دەپ قارىلىدىغان بولسىمۇ، شېكەر كۆل ۋە غولتوغراق يېزىلىرىدىكى 5.8 بال يەر تەۋرەشتە ساق ئۆي قالمىغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

بۇ رېئاللىق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «بەخت قۇرۇلۇشى» نامىدا مەزكۇر يېزىلاردا ئېلىپ بارغان «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى» غا نىسبەتەن گۇمان تۇغدۇرماقتا.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ياپونىيىلىكلەرگە ئاڭلاتتى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەشۋىق ۋەرەقىلىرى تارقىتىپ، ياپونىيىلىكلەرگە ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۈنۈملۈك بولغانلىقى، ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى ئىپتار پائالىيىتىگە يەرلىك ھۆكۈمەت ئەربابلىرىمۇ قاتناشتى

8-ئاينىڭ 17-كۈنى د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ميۇنخېن شەھىرىدە تۈرك-ئىسلام جامائەتلىرى، گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە بىر قىسىم چەتئەل كونسۇللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا چوڭ ئىپتار زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە ئىپتار زىياپىتىگە جەمئىي 150 تىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، زىياپەتتە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان.

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار ۋە سوھۇردا جەم بولدى

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر 13-ئاۋغۇست گوللاندىيىنىڭ ئۈترېخت شەھىرىدىكى بىر مەسچىتتە بىر كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزدى ۋە ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىنى ياد ئەتتى.

پائالىيەتنى گوللاندىيىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەيسا قارىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.