ھەپتىلىك خەۋەرلەر (18-ئاۋغۇستتىن 24-ئاۋغۇستقىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە

يېقىندىن بۇيان مەلۇم بولۇۋاتقان رەسىملىك ئۇچۇرلار ۋە سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان تەكشىلىك خەرىتىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ سان ۋە كۆلەم جەھەتتە تېزدىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.

فىنلاندىيەدىكى مۇھاجىر خالمۇرات ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرپاننىڭ ئۆزىدە بىرنەچچە يېڭى لاگېر پەيدا بولغان. بۇ لاگېرلار شەھەردىن يىراق بولغان پىنھان جايلارغا سېلىنغان بولۇپ، بۇ رايونغا سىرتتىكىلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ توغرىلىق ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئونسۇ ناھىيەسىدە تۆت ئورۇندا لاگېر قۇرۇلغانلىقى، بۇ لاگېرلاردا 30 مىڭچە كىشىنىڭ «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

توقسۇ ناھىيەسىدە لاگېرغا قامالغانلار ئاھالىنىڭ ئون پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتكەن

يېقىندا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان «يەرلىكتىكى ئون پىرسەنت نوپۇسنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى» ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ راستلىقى يەنە بىر قېتىم دەلىللەندى.

مۇخبىرىمىزنىڭ توقسۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدە ئۈچ لاگېرنىڭ بارلىقى، بۇ جايلاردا 22 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ «تەربىيە» ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك-بانكىسى ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان جەمئىي 154 نەپەر بانكا خادىمنىڭ بارلىقى، بۇلاردىن 17 نەپىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۇيغۇر ساقچى ئەمەلدارى «تېررورچىلار بىلەن ھەمكارلاشقان» دەپ ئەيىبلەندى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ كۆپلەپ قولغا ئېلىنىشى مەلۇم بولغان ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن سىستېمىسىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىمۇ قاتتىق تەقىبگە ئېلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.

خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چەرچەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى غالىپ تۇرسۇنغا «تېررورچىلار ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە يانتاياق بولغان شۇنىڭدەك مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىب قىلغان» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، غالىپ تۇرسۇن ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسىدە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىر ئىكەن.

لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئېغىر سورۇقچىلىق تارتماقتا

لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئائىلە بويىچە بىر-بىرىدىن جۇدا بولۇشقا ئوخشاش ئېغىر پاجىئەلەرگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ ھەقتىكى گۇۋاھچىلار ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بېرىپ، لاگېرلارغا قامالغان پەرزەنتلىرى ياكى ئاتا-ئانىسىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى ئائىلىلەرنىڭ گۇۋاھلىق ماتېرىياللىرى خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، د ئۇ ق ئىزچىل ھەرقايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن مۇشۇ ھەقتىكى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش غەرب دۇنياسىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل ئاقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، غەرب دۇنياسىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى بۇ ئەھۋالنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە دىققەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ غەرب دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق تەپسىلىي خەۋەر قىلىنىپ «ئۇيغۇرلار 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ تەقدىرىگە دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا،» دېگەندەك يەكۈنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشىغا نىسبەتەن بۇ يۈزلىنىشنى زور ئىجابىيلىق، دەپ باھالىماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىدا ۋەتەندىكى زۇلۇم قۇربانلىرىغا دۇئالار قىلدى

پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئېغىر سىياسىي كرىزىسقا گىرىپتار بولۇۋاتقان بىر پەيتتە يېتىپ كەلگەن بۇ يىلقى قۇربان ھېيت نامىزىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ۋەتەندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ دۇئالار قىلدى.

ئامېرىكا، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قۇربان ھېيتلىق ناماز ئۈچۈن جەم بولغاندا ۋەتەندىكى زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن بىرلىكتە دۇئا قىلدى.

ھەرقايسى جايلاردىكى دىنىي زاتلار ئۆز تەبلىغلىرىدە ئۇيغۇر جامائىتىنى ھېچقاچان ئازادلىق ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەسلىككە چاقىردى شۇنداقلا زۇلۇمنىڭ ھامان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تولۇق بەت