ھەپتىلىك خەۋەرلەر (24-ئاۋغۇستتىن 30-ئاۋغۇستقىچە)

0:00 / 0:00

يىلقىچىدىكى قانلىق باستۇرۇشتا 22 كىشىنىڭ ئۆلگەن

20-ئاۋغۇست قاغىلىقنىڭ يىلقىچى كەنتىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقتا 22 ئادەم ئۆلگەن، 4 ئادەم تۇتۇلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى 20-ئاۋغۇست يىلقىچى كەنتىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە ھۇجۇم قىلىپ، مەزكۇر ئۆيگە يىغىلغان 28 ئۇيغۇرنى ئوققا تۇتقان، ئەمما ۋەقەنى ئاخباراتتىن قاتتىق يوشۇرغان.

رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يىلقىچى يېزىلىق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى مەخمۇتجان قارىم دىنىي زاتلارغا ئېچىلغان يىغىندىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن، ۋەقەدە گۇماندارلاردىن 22 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «22 سى ئېتىۋېتىلدى، 4 تى تۇتۇلدى» دەپ ئۇقتۇردى، تەپسىلاتىنى بەك سۆزلەپ كەتمىدى. بۇلارنى دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل يېزا باشلىقى ئالىم ھامىدىن دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، قىرغىنچىلىقتا ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتى نامەلۇم جايغا يۆتكەپ كېتىلگەن.

يىلقىچى قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن بىر قىسمىنى

خىتاي دائىرىلىرى يىلقىچى قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەردىن بىر قىسمىنىڭ كىملىكىنى بېكىتىشتە گېن تەكشۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن قارىغاندا خىتاي بۇ بىر توپ كىشىلەرگە ئېغىر تىپتىكى قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى 29-ئاۋغۇست يىلقىچىنىڭ 9-ۋە 7-كەنتىگە بېرىپ توختىمىتاخۇن ۋە سېيىت مەمەتخان ئائىلىسىدىن DNA سىنىقى ئۈچۈن ئەۋرىشكە ئالغان. شاخاپ يېزىسىدىكى بىر قىسىم گۇماندارلار ئائىلىسى بالىلىرىنى تېپىشقا مەجبۇرلىنىپ، سوراققا تارتىلغان ۋە تۇتۇپ كېتىلگەن.

بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىدىكى دوختۇر مەمەت ئىمىن، خىتاينىڭ گۇماندارلارنى ئوققا ئەمەس، توپقا تۇتقان بولۇشى، ياكى ئۇلارغا ئوت قويۇش ياكى بومباردىمان قىلىش قاتارلىق ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈش تەدبىرىنى قوللانغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر غايىبلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى

«30-ئاۋغۇست خەلقئارا غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى خاتىرىلەش كۈنى» دۇر. بۇ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر غايىبلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى.

«خەلقئارا غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنى خاتىرىلەش كۈنى» 2010-يىلى بېكىتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئاشكارىلانغانلار ئىچىدە 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئۇيغۇر غايىبلارنىڭ سانى 30 دىن ئاشىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 29-ئاۋغۇست مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇر غايىبلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.

قاغىلىق يىلقىچىدىكى ۋەقەدە ئېتىلغان ۋە تۇتۇلغانلاردىن 6 نەپىرىنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى

قاغىلىقنىڭ يىلقىچى يېزىسىدىكى چۆللۈكتە ئېتىلغان ۋە تۇتۇلغان 26 كىشىدىن 6 نەپىرىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، كىملىكى ئاشكارىلانغان بۇ 6 كىشىدىن بىر نەپىرى يىلقىچىدىن، قالغان 5 نەپىرى يىلقىچىغا قوشنا يېزىدىن.

شاخاپ 2‏-كەنت پارتكوم سېكرېتارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىلقىچى قىرغىنچىلىقىدا ئۆلگەنلەر توختى مامۇت، مەمتىمىن مامۇت، ئابلىمىت ئابدۇكېرىم، مەمەت ئەمەتنىياز، ئابدۇراھمان تۇرۇپ قاتارلىقلار شاخاپ يېزىسىدىن.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەمەت ئەمەتنىيازنىڭ 3، مەمتىمىن مامۇت بىلەن ئابلىمىت ئابدۇكېرىمنىڭ 2 دىن بالىسى بار ئىدى.

قەيسەرىدىكى ھۆرىيەت مەيدانىدا «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» ماۋزۇلۇق كۆرگەزمە ئېچىلدى

تۈركىيە پايتەختى قەيسەرىدىكى ھۆرىيەت مەيدانىدا «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك» ماۋزۇلۇق كۆرگەزمە ئېچىلدى.

كۆرگەزمىنى تۈركىيەدىكى ئۆلكە ئوچاقلىرى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان.

كۆرگەزمىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەردىن باشقا، تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەر ۋە ماقالىلەرمۇ قويۇلغان.

كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۆلكە ئوچاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى ئېلى ئىپەك مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىق تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ بېرىلمەيۋاتىدۇ. تېخى ئىككى-ئۈچ كۈن بۇرۇنلا قاغىلىقنىڭ يىلقىچىقى يېزىسىدا 28 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلدى. بىز بۇلارنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ كۆرگەزمىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز.

چوڭقۇرچاق دېھقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى

مارالبېشى ۋە پەيزىۋات ناھىيىلىرىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار 10 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن تەۋرەش ئاپىتىنىڭ پاتقىقىدىن ھېلىھەم قۇتۇلالمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئاپەتتىن كېيىن بۇ رايونلاردا «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى» باشلىغانلىقىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، بۇ قۇرۇلۇش تا ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىگەن.

چوڭقۇرچاقتىكى بىر دېھقان ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ۋەدە قىلغان بېتون قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر پۇل تۆلىگەن دېھقانلارغىلا سېلىپ بېرىلگەن. پۇل تۆلىيەلمەي ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيدە ئولتۇرىدىغان دېھقانلار 50 پىرسەنتكە يېتىدىكەن.

10 يىل ئىلگىرى 24-فېۋرال، مارالبېشى، پەيزىۋات ناھىيىلىرىدە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان. ئاپەت ئەڭ ئېغىر كۆرۈلگەن مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدا 10 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئۆي-ماكانسىز قالغان ئىدى.