ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-نويابىردىن 27-نويابىرغىچە)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىغا ئوتچاچار ئىشلەتكەنلىكىگە قارشى ئىنكاس بىلدۈردى

خىتايدا چىقىدىغان «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىغا ئوتچاچار ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاشكارا قىلغاندىن كېيىن خەلقئارادا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى گۇماندارلار يوشۇرۇنغان ئۆڭكۈرگە ئالدى بىلەن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە سىلكىتىپ ھوشسىزلاندۇرۇش بومبىسى ئاتقان. بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىگەندە ئۇلار ئۆڭكۈرگە قارىتىپ ئوتچاچار ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بىلەن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇلار، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاياللار بىلەن بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر گۇماندارلارغا قارىتا ئوتچاچار قورال ئىشلەتكەنلىكى بۈگۈنكى خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقىي مىزانلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلغانلىق، دەپ كۆرسەتتى.

گۇمىدىكى رېئاللىق دائىرىلەرنىڭ «شىنجاڭدا مەجبۇرىي مائارىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز دەۋرىگە قەدەم قويدى» دېگەن باياناتىنى رەت قىلماقتا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بايانات بېرىپ، «شىنجاڭدا مەجبۇرىي مائارىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز دەۋرگە قەدەم قويدى» دېگەن.

باياناتتا يېزىلاردىكى مەجبۇرىي مائارىپ كاپالەت تۈزۈلمىسى بىلەن شەھەرلەردىكى ئوقۇش پارچە خىراجەت پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلاش نىشانىغا يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

ھالبۇكى، گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرىغا قاراشلىق يېڭىباغ باشلانغۇچ مەكتىپىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلار يۇقىرى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىنى رەت قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كەنتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار بىر يىلنىڭ 8 ئېيىدا ياقا يۇرتلاردا مەدىكارچىلىق قىلىدىكەن. ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان بالىلار تويۇنۇش ۋە كىيىم-كېچىكى پۈتۈن بولۇشتەك ئەڭ ئەقەللىي ھالەتتىن مۇستەسنا ھالدا ياشىماقتىكەن.

ياپونىيەنىڭ خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

يېقىندا ياپونىيەنىڭ خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان گۇڭگا شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى، شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان 2‏-شېئىرلار توپلىمىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

يىغىندا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يېڭى شېئىرىيىتى، تارىم ئارخېئولوگىيەسى، ئۇيغۇر كىنوچىلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە يادرو سىناقلىرىنىڭ تەسىرى قاتارلىق تېمىلاردا دوكلاتلار بېرىلگەن.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ياپونچە نەشر قىلىنغان 2-شېئىرلار توپلىمى ھەققىدە توختىلىپ، ياپونىيەلىك ئوقۇرمەنلەرنى ئەڭ جەلپ قىلغان ئامىل دەل ئەخمەتجان شېئىرلىرىدىكى «ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئەركىنلىك چاقىرىقى» دۇر، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدە تور ساقچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان يانفون ئىشلەتكۈچىلەر دەككە-دۈككىدە قالغان

ئۆتكەن ھەپتە پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتاي تور ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرگە بولغان كونتروللۇقىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيگەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇر رايونىدىن ئىگىلىگەن نەق مەيدان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تورغا ئۇلىنىدىغان يانفونلارنى بىرمۇ-بىر تىنتىشقا باشلىغان.

تور ساقچىلىرى ئىنتېرنېت سۈزگۈچىدىن پايدىلىنىپ گۇمانلىق دەپ قارىغان يانفون نومۇرلىرىنى تاقىغان ھەمدە تېلېفون ئىگىلىرىنى ساقچىخانا ياكى كۆچمە تېلېفون باش شىركىتىگە بېرىپ كىملىك ئۇچۇرلىرىنى قايتا تىزىمغا ئالدۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان.

«2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنى» دا ئۇيغۇر تەتقىقاتى بويىچە مۇھىم تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنغان

ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىريۇسسېل ۋە پارىژدىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنى» 17-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە بىريۇسسېل ھەم پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن.

مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، رۇسىيە، تۈركىيە، قازاقىستان ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، تىل-ئەدەبىياتى ۋە سىياسىي-ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى بويىچە ماقالىلەر ئوقۇغان.

يىغىنغا قاتناشقان تەتقىقاتچىلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە يېڭى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تېمىلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇر دېھقانلار «داۋالىنىش كارتىسى» نىڭ دوختۇرخانىلاردا ئىشلىمەيۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يەنى «ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسى» نىڭ ئەمىلى داۋالىنىش جەريانىدا دېھقان-چارۋىچىلارغا ھەقىقىي مەنىدىكى سۇغۇرتا ياردىمى ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى ئايان بولماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 2003-يىلىدىن باشلاپ دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈن «ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كارتىسى» تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

ھالبۇكى، مەزكۇر سىياسەت يولغا قويۇلۇپ ئون نەچچە يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن قارىغاندا «داۋالىنىش كارتىسى» نىڭ دېھقان-چارۋىچىلارغا ھېچقانچە ئەمەلىي ياردەم ئېلىپ كېلەلمىگەنلىكى مەلۇم بولماقتا.