ھەپتىلىك خەۋەرلەر (31-نويابىردىن 6-دېكابىرغىچە)
2019.12.06

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى رەسمىي ماقۇللىدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 3-دېكابىر كۈنى 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن «2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىدى. بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىشنى قەستلىمەكتە» دەپ كۆرسەتتى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ كەم كۆرۈلىدىغان مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللىنىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئەربابلارنى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى.
«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى دۇنيادىكى ھەققانىيەتنى قوللىغۇچى كۆپلىگەن تەشكىلات ۋە دۆلەتلەرگە كۈچلۈك ئىلھام بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق پەرىشان بولۇپ، كەڭ كۆلەملىك «ئامېرىكانى تەنقىد قىلىش» ھەرىكىتىنى قوزغىدى.
خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىرى ئابابەكرى ئابلەت تۇتقۇن قىلىنغان
ئۇيغۇر زىيالىلىرى مۇھىم نىشانلاردىن بولغان زور باستۇرۇشتا خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ مۇدىرى ئابابەكرى ئابلەتنىڭ بۇنىڭدىن بىرەر يىلچە ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئېيتىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭ كونكرېت سەۋەبى نامەلۇم.
ئابابەكرى ئابلەت تارىخ پەنلىرى بويىچە مۇتەخەسسىس بولۇپ، كۆپ قېتىم «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش» ھەققىدە لېكسىيە بەرگەن، شۇنداقلا «تەڭرىتاغ» تورىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ كۆپچىلىكنى ھۇشيارلىققا ئۈندىگەن ئىكەن.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «ئابابەكرى ئابلەت مائارىپ ساھەسىدە ›پان تۈركىزىم ۋە پان ئىسلامىزىمنىڭ زەھىرى ئېغىر يامرىغان‹ دېگەننى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلمىگەن» دېدى.
«شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ دوتسېنتى ئىمىنجان سەيدىن 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
يېقىندا «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ دوتسېنتى ئىمىنجان سەيدىن غايىپ بولغىلى ئىككى يىل بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا ئىمىنجان سەيدىننىڭ 2017-يىلى 5-ئايدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 54 ياشلىق ئىمىنجان «دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلغان» دېگەن ئەيىب بىلەن 2019-يىلى 2-ئايدا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ئىمىنجان سەيدىن تۇتقۇن بولۇشتىن ئىلگىرى «تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار» قاتارىدا گۇما ناھىيىسىگە ئەۋەتىلگەن ھەمدە ئالاقىدار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تەشۋىقات كۈرىشى» دە ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تۇمشۇق شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سىنى تەتقىق قىلماقتا
ئۆتكەن ھەپتىدە خىتاينىڭ تۇمشۇق شەھرىدە تەجرىبىخانا قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چىرايىنى سىزىپ چىقىش تېخنىكىسىنى سىناق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. گېرمانىيەدىكى ماكس-پلانك جەمئىيىتىنىڭ بۇ تۈرگە قاتنىشىۋاتقانلىقى كىشىلەرنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا مەزكۇر جەمئىيەت ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدا جاۋابكارلىقى بارلىقىنى رەت قىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ئەۋجىگە چىقىۋاتقاندا بۇ خىل يېڭى تېخنىكىنىڭ راۋاجلاندۇرۇلىشى كۆپ خىل ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى، گېن ئەۋرىشىكىسى ۋە باشقا بىئولوگىيەلىك ئەۋرىشكىلىرىنى تولۇق توپلاپ بولغان ئىدى.
نۇر بەكرىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
خىتاي دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى نۇر بەكرى 2-دېكابىر كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە سوتلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. سوتتا ئۇنىڭ ئۆتكەن 20 يىللىق ئەمەلدارلىق تارىخىدا 79 مىليون سوم (تەخمىنەن 11 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدە پارا يېگەنلىكى ئېيتىلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىللەردىن تارتىپ نۇر بەكرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن «سادىق ئەمەلدار» بولۇپ ئىشلىگەنىدى.
بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ: «بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق ئۇيغۇرغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇر بەكرىنى يىقىتىشى ئۇنىڭ ساداقىتىگە بولغان گۇمان سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
ئادرىيان زېنز: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر!»
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلاردىن گېرمانىيەلىك دوكتۇر ئادريان زېنز ئەپەندى يېقىندا رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ زىيارەت جەريانىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرغا قامالغانلارنىڭ سانى ئاللىقاچان بىر مىليون 800 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى ئاشكارا بولغان «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» دەپ كۆرسەتتى.
دوكتۇر ئادريان زېنز نۆۋەتتە بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ لاگېردىكىلەرگىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيىتىگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ باش «قوماندانى» خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى.