ھەپتىلىك خەۋەرلەر (21-دېكابىردىن 27-دېكابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.12.27
erkin-asiya-radiosi.jpg ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
Photo: RFA

چاپچال ناھىيىسىدە ساقچىلار ئەرزىدار دېھقانلارغا تەھدىت سالغان

چاپچال ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يېقىندا مەزكۇر ناھىيەدىكى يەر زېمىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان ئەرزىدار دېھقانلارنى ساقچىخانىغا تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلغان ۋە تەھدىت سالغان.

بىر ئەرزىدار دېھقان ئائىلە تاۋابىئاتىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، 21‏-دېكابىر ساقچىلار ئەرزىدار دېھقانلارنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇناسىۋىتى بار، ئەكسىيەتچىل كۈچلەرگە مەنسۇپ ئاخبارات ئەپكارلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان، دەپ ئەيىبلەپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ۋە قاماققا مەھكۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالغان.

دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى بۇ ناھىيەگە قاراشلىق 6 كەنتتىكى ئۇيغۇر، شېۋە، قازاق، تۇڭگان ۋە بىر قىسىم خەنزۇ دېھقانلار بىلەن تۈزگەن يەر توختامىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ 180 مىڭ مو يېرىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغان.

ئىلھام توختى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى

ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى ئەپەندى 25‏-دېكابىر يېڭى يىل تەبرىكنامىسى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا، دىنىي سەۋەبلىك، مىللىي كىملىك ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش سەۋەبلىك جازاغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.

ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: سىياسىي سەۋەبتىن تۈرمىگە سولانغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا يېڭى يىللىق سالام يوللايمەن. دىنىي سەۋەبلىك، مىللىي كىملىك ۋە ئەركىن پىكىر بايان قىلىش سەۋەبلىك جازالانغان قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇرۇنراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن.

ئۇ يېڭى يىل تەبرىكنامىسىدە يەنە، غايىبلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق رەسمىيەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادالەت، ھەققانىيەت يولىدا مىللەت ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر سالام يوللىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئەدىب نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلىگەن

خىتاي دائىرىلىرى ئاتاقلىق ئەدىب ۋە ژۇرنالىست نىزامىددىن ھۈسەيىننىڭ ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشنى چەكلىگەن. ئۇنىڭ «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان قايتا نەشر قىلىنىشى چەكلەنگەن ئەسەرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

1928-يىلى قاغىلىقنىڭ چوپان يېزىسىدا تۇغۇلغان ئەدىب 1980‏-يىللاردىن باشلاپ «يولسىز ئەقىدە»، «قاراقۇرۇم ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئۆرپ-ئادەتلىرى»، «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»، «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ئوچىرىكلىرى» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى يازغان. مەرھۇم 1997-يىلى 3-مارت كۈنى «5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى»، 25-فېۋرال ئۈرۈمچى «ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى» گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان.

1998-يىلى 8‏-ئاپرېل قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تۈرمىدە ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى مەلۇم

خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ يىل 8‏-ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 4 ئايدىن بۇيان ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز دېرىكى بولمىغان. دائىرىلەر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن. ئابدۇۋەلى قامالغان تۈرمىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئابدۇۋەلىنىڭ تۈرمىدە تېنى ئاجىزلاپ قاتتىق ئاغرىپ قالغان.

دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقان ياكى داۋالاتمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. يېقىندا ئاشكارىلانغان خەۋەرلەردە، ئۇنىڭ كېلەر يىلى 1‏-ئايدا سوتلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىلگىرى ئامېرىكىدا ئوقۇغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ خىتايغا قايتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپىنى تەشەببۇس قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان ئىدى.

سايباغ قانلىق توقۇنۇشىغا باغلىنىشلىق «بۇلاقسۇ يەر ئاستى مەكتەپ ۋەقەسى» ئاشكارىلاندى

قەشقەر «سايباغ ۋەقەسى» ساقچىلارنىڭ ۋەقە سادىر بولغان ئۆيگە مەلۇم بىر گۇماندارنى تۇتقىلى كىرگەندە يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

سايباغ يېزىلىق پارتكومدا ئېچىلغان يىغىندا، ساقچىلارنىڭ مەزكۇر ئۆيگە بۇلاقسۇدىكى ۋەقەنى ئېنىقلاپ بارغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، بۇلاقسۇدىكى ۋەقەنىڭ بىر يەر ئاستى دىنىي مەكتەپنىڭ بايقىلىش ۋە تاقىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، شۇ ۋەقەدە ئاز دېگەندە 50 كىشى سوراق قىلىنغان ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان.

ساقچىلار تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، سايباغدىكى ئىسلام ئىسمائىل جەمەتىنىڭ پېيىگە چۈشكەن. ئۇلار ئىسلام ئىسمائىلنىڭ ئۆيىگە تەكشۈرۈپ كىرگەندە بۇ توقۇنۇش كېلىپ چىققان. ۋەقەدە ساقچىلار 14 ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 6 نەپىرى ئايال ئىدى.

شۆھرەت مۇتەللىپ 2013‏-يىلى دۇنيادىكى 10 چوڭ ئالىمنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

ئامېرىكا «تەبىئەت» ژۇرنىلى ئامېرىكا ئورىگون شتاتىدىكى مەلۇم بىر غول ھۈجەيرە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى ۋە تەتقىقاتچىسى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنى 2013‏-يىلى دۇنيادىكى زور ئىلىم -پەن يېڭىلىقى ياراتقان 10 چوڭ ئالىمنىڭ بىرى، دەپ باھالىغان.

بۇنىڭدىن ئاۋۋال ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى «مېدىتسىنادىكى 2013‏-يىللىق 10 زور بۆسۈشنىڭ بىرى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئىنسان تېرە ھۈجەيرىسىنى «تەن ھۈجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش» تېخنىكىسى بىلەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىگە ئايلاندۇرغان شەخس. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بايقاش ئىنسانلاردىكى پاركىنسون كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى، ژۇلۇن زەخمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.