ھەپتىلىك خەۋەرلەر (22-دېكابىردىن 28-دېكابىرغىچە)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.12.28
lager-lop-3-bashlanghuch-mektep.jpg يېپىق «تەربىيەلەش» لاگېرى يەنى جازا لاگېرىغا ئايلاندۇرۇلغان 3-باشلانغۇچ مەكتەپ. 2018-يىلى سېنتەبىر، لوپ ناھىيەسى.
Photo: RFA

بايىنغولىن ئوتتۇرا سوتىنىڭ باش سوتچىسى غالىپ تۆمۈرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان قانۇن ساھەسىدە ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كۆپلەپ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. يېقىندا بايىنغولىن ئوتتۇرا سوتىنىڭ باش سوتچىسى غالىپ تۆمۈرنىڭ ئالتە ئايدىن بېرى قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئەھۋال ئېنىقلىشى جەريانىدا ئالاقىدار خادىملار غالىپ تۆمۈرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر غالىپ تۆمۈردەك قانۇن ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىگە ئاكتىپ ماسلاشمىغانلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئالتايدا بىر قىسىم قازاق ئوقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىغان

يېقىندا ئالتاي شەھىرى، بۇرچىن ۋە قابا ناھىيەلىرىدىكى بىر قىسىم قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئاشخانىسىدا چوشقا گۆشى يېيىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدىكى تاماق جەدۋىلىنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكى، بۇنىڭ بىلەن قايسى تاماقتا چوشقا گۆشى بارلىقىنى بىلىش ئىمكانى بولمىغانلىقتىن بىر قىسىم قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقى ئېيتىلغان.

ساقچى خادىملىرى بىر قىسىم قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ھەققىدە يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش چۈشكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما نارازىلىق نامايىشى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى غەرب تاراتقۇلىرىدا ئىزچىل مۇھىم خەۋەرلەردىن بولۇپ كەلمەكتە

ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللەت بويىچە «ئېتنىك تازىلاش» قا دۇچ كېلىشى ئۆتكەن ھەپتىدە فىرانسىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى ۋە گېزىت-ژۇرناللىرىدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەخسۇس تېمىلار بويىچە تونۇشتۇرۇلدى. بىر قىسىم تونۇشتۇرۇشلار ۋە ماقالىلەردە خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل باستۇرۇشلارنىڭ «ئېتنىك تازىلاش» › خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

بولۇپمۇ «زىمىستان» ژۇرنىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى كۆپلىگەن ماددىي پاكىتلار بىلەن پاش قىلىپ، خەلقئاراغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېچىپ كۆرسىتىشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى.

بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ ھەرقايسى داڭلىق ئاخبارات قاناللىرىدا مەخسۇس تېمىدىكى سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەھشەتلىك سىياسىي باستۇرۇشلارغا تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى بولماقتا

ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلار ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى سەۋەبلىك دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا لاگېرلارغا قارشى تۈرلۈك نامايىشلار ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئۆتكەن ھەپتىدە ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشىغا ئۇلاپلا قىرغىزىستان، تۈركىيە، گېرمانىيە، تاتارىستان قاتارلىق جايلاردىكى ھەر ساھە كىشىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى مەزمۇندىكى لوزۇنكا ۋە پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ ھەر خىل كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزدى.

تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى» پايتەخت ئەنقەرەدە زور يىغىلىش ۋە نامايىش تەشكىللەپ، تۈرك خەلقىگە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەتتى. ھىندونېزىيەدىكى نامايىشنىڭ كۆلىمىمۇ زور بولدى.

دوكتور بۇرھان سېتى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 2018-يىللىق ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ياش زىيالىيلارنى باھالاش پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلاردىن دوكتور بۇرھان سېتى مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى.

ئەنقەرە شەھىرىدىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇكاپات لوڭقىسىنى بۇرھان سېتىغا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇرھان سېتى بۇ قېتىم ئىسلام ئىقتىسادى ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرى بىلەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىكەن.

ئامېرىكا سىياسىيونلىرى يېڭى «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كرىزىسلار دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقاندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى «ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىش ۋە دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئورتاق ئىنكاسى» ماۋزۇلۇق قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە يۇقىرى پەن-تېخنىكىلارنى خىتايغا سېتىپ بېرىۋاتقان شىركەتلەرنى چەكلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان سىياسىيونلار ئىمزا قويدى.

مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسى سۇنۇلغاندىن كېيىنكى يەنە بىر چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.