ھەپتىلىك خەۋەرلەر (23 - يانۋاردىن 29 - يانۋارغىچە)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.01.29
2010.01.29
خىتاينىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىغا بىر ئۇيغۇر ياش تاللاندى
خىتاينىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىغا بىر ئۇيغۇر ياشمۇ تاللانغان. خىتاينىڭ "سوخۇ" ئۇنىۋېرسال تورىدا "چىڭداۋ گېزىتى"دىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەشىق تىزىملىكىگە جەمئىي 29 نەپەر پۇتبولچى كىرگۈزۈلگەن.بۇلارنىڭ ئىچىگە خىتاي دۆلەتلىك ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدىن مەمەتجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر پۇتبولچى تاللىنىپ، خىتاي دۆلەت كوماندىسىغا كىرگۈزۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتجان ئەسلى قەشقەردىن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى شەندۇڭ "لۇنېڭ" كوماندىسىدا توپ تەپكەن. خەۋەردە بۇ، "خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىشى" دەپ كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر كوماندا بۇ يىل 6 - فېۋرالدىن 14 - فېۋرالغىچە، ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان شەرقىي ئاسىيا لەۋھە تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.
پاكىستاندا ئۆمەر مۇختەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر غايىب بولدى
پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۆمەر مۇختەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئۇ، 1990 - يىللاردا ئوقۇش ئىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن پاكىستانغا كەلگەن. ئوقۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ئافغانىستانلىق بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان ۋە ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد شەھىرىدە ياشىغان.ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆمەر مۇختەر ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغان. خانىمى ئۆمەر مۇختەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغاندىن كېيىن، ئىككى بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئافغانىستانغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان.
ئۆمەر مۇختەرنىڭ خانىمى ئۆتكەن ھەپتە پاكىستانغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ، ئېرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ساقچىلاردىن سۈرۈشتە قىلغان، ئەمما يەنىلا نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.
خىتاي يەنە 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى، 8 ئۇيغۇرغا مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بەردى
25 - يانۋار ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"گە ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەنە 13 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 4 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى، يەنە بىر نەپىرىگە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى، قالغان 8 نەپىرىگە مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بەردى.بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دېلولار ئۈستىدىن ئاچقان ئەڭ يېڭى سوتتۇر. شىنخۇئا ئاخباراتىدا سوت ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان 13 جاۋابكارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ جەرياندا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 26 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرنى مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان.
د ئۇ ق ئەزالىرى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي تىرول رايونىدا زىيارەتتە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي تىرول رايونىدا رەسمىي زىيارەت پائالىيىتى ئېلىپ باردى ۋە زىيارىتىدىن كېيىن شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرن شەھىرىگە كەلدى.ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىي تىرول رايونىدا 3 مىللەت بار بولۇپ، بۇ جاي دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن رايونلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ رايوننى ئۆتكەن يىلى دالاي لامامۇ زىيارەت قىلغان ئىدى.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ھەيئەت، ئىتالىيىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى بېرن شەھىرىگە كەلدى ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شۋېتسارىيە گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرىنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىنى ئىلگىرىلىتىشتە جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاش نىيىتىدە مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن.
خىتاي 'شىنجاڭ مەسىلىسى' توغرىسىدا يىغىن چاقىرىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئاچقان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر يىغىن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسى بۇ يىل ئىچىدە چاقىرىدىغان "شىنجاڭ مەسىلىسى" توغرىسىدىكى يىغىننىڭ تەييارلىقى ئىكەن.مەزكۇر يىغىنغا خىتاي مەركىزى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار بۆلۈملەر ۋە دۆلەت ئىشلار كابىنېتى قارمىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك كومىتېت، مىنىستىرلىقلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، كان بايلىقلىرىنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان.
"شىنجاڭ مەسىلىسى" ھەققىدىكى خىزمەت يىغىنىنىڭ قاچان ئېچىلىدىغانلىقىغا دائىر كۈنتەرتىپكە ئائىت كونكرېت مەسىلىلەر بىزگە مەلۇم ئەمەس. يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان جۇ يۈنكاڭ يىغىندىكى سۆزىدە، يىغىننىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يەنە داۋام قىلماقچى
25 - يانۋار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەمگەك كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن بىر مىليون 200 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بۇنىڭ ئىچىدە 700 مىڭ كىشى شەھەر، بازارلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئەمما خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ قايسى شەھەر-بازارلارغا يۆتكىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى، 2010 - يىلى 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەتىگەندە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ بىلەن ئىستانبۇلدىكى چىراغان سارىيىدا ئايرىم ئۇچراشتى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۇقىرىقى ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلەردە دوستلۇق كۆۋرۈكى بولغانلىقىنى ۋە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ھەسسە قوشالايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ياڭ جيېچى، "ئاسىيانىڭ مەركىزىدە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى" غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىدى.
ئوباما بۇ يىللىق ئاساسىي خىزمەت نىشانى ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دەپ كۆرسەتتى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يىللىق دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىللىق خىزمىتى ۋە 2010 - يىللىق نىشانلىرى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.ئۇ، خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ، ئامېرىكىدا نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ 2010 -يىلدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سۆزىدە يەنە سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىش قارارىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختالغاندا، ئىراننى ئاگاھلاندۇردى، بۇ يىل سېنتەبىرگىچە ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقى ۋە ئافغانىستان بىخەتەرلىكى مەسىلىسى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختالدى.
ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئوساما بىن لادىننىڭ ئاۋازى ئېلىنغان بىر ئۇن ئالغۇ لېنتىسىنى ئېلان قىلدى
خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئوساما بىن لادىننىڭ ئاۋازى ئېلىنغان بىر ئۇن ئالغۇ لېنتىسىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا لادىن ئۆتكەن يىلى نېگىرىيىلىك ئۆمەر فارۇخ ئابدۇمۇتالىپنىڭ روجىستىۋا بايرىمى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى مەدھىيىلىگەن.ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئوساما بىن لادىن سۆزىدە ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر داۋاملىق ئىسرائىلىيىنى قوللىسا، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈگەن.