ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12 - سېنتەبىردىن 18 - سېنتەبىرگىچە)

ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.09.18

دۇنيا ئاخباراتىدا ئۇيغۇرلار

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر سەھىپىمىزگە خۇش كەلدىڭلار، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 9‏ - ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنى ئۈرۈمچىدە، يىڭنە ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان، دەپ قولغا ئالغان ئۇيغۇرلارغا جازا ھۆكۈم قىلىشقا باشلىدى. تۇنجى قېتىمدا خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتى ئۈچ ئۇيغۇرنى 7 يىلدىن 15 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىككىسى 19، 20 ياشلاردىكى ئوغۇل، يەنە بىرى يېشى 22 ياشلىق قىز ئىكەن.
 
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئارقىدىنلا يەنە 4 كىشى ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 8 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

'خىتاي ئۈچۈر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە 'يىڭنە ھۇجۇمى' دېيىلگەن دېلولار ئۈستىدە سوتلاش ئارقىلىق ئېنىقلانغان ئەھۋاللارغا قارىغاندا، تۇرسۇنجاننىڭ يىڭنە بىلەن ھۇجۇم قوزغايدىغان 'يەر ئاستى تەشكىلاتى' يوتقان يىڭنىسى، ئىلغۇچ، چىش كولىغۇچلارنى قوللىنىپ ھۇجۇم قىلغان.

'يىڭنە ھۇجۇمى' دەپ ئاتالغان بۇنداق ھۇجۇم ھازىر خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىمۇ ئەۋج ئالغان.
 
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى دۈشەنبە كۈنى خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىڭنە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان دەپ قارالغان 250 ئادەم ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ قان تەركىبىدە رادىئاكتىپلىق، زەھەرلىك ياكى زىيانلىق ماددىلار بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئاقسۇدا تېررورچى گۇرۇھلار پاش قىلىندى، دەپ ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئاقسۇدا 20 دانە پارتلاتقۇچ بومبا بايقالغانلىقىنى، تېررورچىلار پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بۇرۇنلا شىنجاڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ، سېيت ھامۇت ئوبۇل قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا بايان قىلىنىشىچە، ئاقسۇدا 'تېررورچى گۇرۇھ' دەپ ئاتالغان دېلوغا مۇناسىۋەتلىك 6 نەپەر ئۇيغۇر 8‏ - ئاينىڭ 26 ‏ - كۈنى قولغا ئېلىنغان ئىكەن، ئەمما جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ ئۇچۇرنى 9‏ - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېلان قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى تۈپەيلى، ئامېرىكا ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنى چىقارغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا 'ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ھازىر شىنجاڭغا بارغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىۋاتىدۇ' دەپ كۆرسىتىلدى.

شۇنداقلا ئامېرىكا پۇقرالىرىنى 'مۇشۇ كۈنلەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونلىغا ساياھەت قىلغىلى بېرىشتا بىخەتەرلىكىنى ئويلىشى كېرەك، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە ساياھەت قىلغىلى بارغانلار ' دەپ تەكىتلىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 4 كىشىنىڭ پالاۋغا يەرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گۈەنتانامودىن ئايرىلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

گۈەنتانامودا قېلىپ قالغان 13 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارنىڭ ئۆزى بارىدىغان ماكاننى تاللاپ بولغان بولسىمۇ،بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار تېخى مەتبۇئاتقا ئاشكارىلانمىدى.

14 - سېنتەبىر جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسسارى Navy Pillay خانىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۈرۈمچى ۋە لاسا ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرغان.

Navy Pillay خانىم سۆزىدە، ئۈزىنىڭ يېقىندا شىنجاڭ ۋە شىزاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. رايوندىكى كەمسىتىش سىياسىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچراش ئەھۋالىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرغان. Navy Pillay خانىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ غايىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، دۇنيادا كەمسىتىش بولمىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە بارلىق كىشىلەرگە باراۋەرلىك ئېلىپ كېلىش بىزنىڭ غايىمىز. ھېچقانداق بىر دۆلەت مانا بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن.

چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ستاتىستىكىلىق يېڭى مەلۇمات ھەم خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە چوشقا زۇكام پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە تارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوشقا زۇكام ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانىدا يەنە ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، 17 سېنتەبىر، يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى68 گە يەتكەن بۇنىڭ 55ئى ئۈرۈمچىدە 13 نەپىرى قارىماي ۋە مايتاغدا ئېنىقلانغان. يۇقۇمدارلار ئىچىدە ئۆلگەنلەر مەلۇم بولمىغان.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 16 - سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي بويىچە ئېنىقلانغان چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ئون مىڭ 200نەپەردىن ئاشقان.

چوشقا زۇكام ۋىرۇسى دۇنيادا 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە نەزەر

بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە دۇنيا ۋەزىيىتىدە يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا ئۇيغۇرلار قىزىقىدىغان بىر قىسىم مۇھىم ۋەقە ھەم ھادىسىلەرگە كۆز يۈگۈرتسەك:
 
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 9‏ - ئاينىڭ 11 - كۈنى، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل بالۇنلىرىدىن ئۈچ يىلىغىچە چېگرا بېجى ئېلىش ھەققىدىكى قارار لايىھىسىگە ئىمزا قويدى. بۇ قارار 26‏ - چىسلادىن باشلاپ ئىجرا قىلىنماقچى ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ بەلگىلىمىگە نارازىلىق ئىنكاسىنى قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى" دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز" دەپ بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ، جۇڭگو ئىشلەپچىقارغان بالونلارنىڭ 40%نىڭ ئېكىسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەردە ئامېرىكا تەرەپ 35% باج ئالغاندا، جۇڭگونىڭ بۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ جۇڭگو ئۈچۈن بىر مىليارد دوللار زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىلىرىدىن ئاقساراينىڭ مەسلىھەتچىسى ۋالېرېي جەررېت باشچىلىقىدىكى 3 كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى دارامسالانى زىيارەت قىلىىپ، 13 - سېنتەبىر كۈنى تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ 2 سائەت سۆھبەتتە بولغان.
 
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 11 - ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلماقچى. دالاي لاما يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۆكتەبىردە ۋاشىنگىتوننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ئامېرىكا تەرەپنىڭ دارىمسالادا تىبەت داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي باياناتچى سۆزىدە، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ھەر قانداق يەردە، ھەر قانداق نام ئاستىدا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ قازاقىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 14 - سېنتەبىر كۈنى "نۇر ۋەتەن" پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دارخان كالېتايېف بايانات ئېلان قىلىپ، نازاربايېفنىڭ قازاقىستانغا قوشقان خۇسۇسىي تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇنى بۇ دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك پرېزىدېنتى قىلىپ بېكىتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2000 - يىلى قازاقىستان پارلامېنتى " دۆلەتنىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى" دەپ ئاتالغان بىر قانۇن چىقىرىپ، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مۇستەقىل قازاقىستان دۆلىتىنى قۇرغان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا شۇ نامدا ئوردېن تەقدىم قىلغان ئىدى.

قازاقىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى 2012 - يىلى توشىدۇ. بىراق، 2007 - يىلىدىكى يېڭى قانۇن بويىچە پرېزىدېنت يەنە ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش مۇمكىنكىنچىلىكىگە ئىگە بولۇپ، شۇنداق بولغاندا، نازاربايېفنىڭ 2012 - يىلى يەنە قايتا سايلىنىپ ۋەزىپە ئۆتۈشىنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ مەۋجۇت ئىكەن.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر سەھىپىمىز مۇشۇ يەردە تاماملايمىز، ئۆتكەن بىر ھەپتىلىك بارلىق ئاڭلىتىشلىرىمىز شۇنداقلا باشقا مۇناسىۋەتلىك تولۇق مەلۇماتلارغا ئىستانسىمىز تور بېكىتىنىڭ باشقا سەھىپىلىرى ئارقىلىق ئىگە بولالايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.