تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۆزى يېتىشتۈرگەن قوغۇن بازارغا سېلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.08.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Uyghur-qaraxanli-qoghun-turkiye.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىن تۈركىيەگە يېڭى چىققان ئۇيغۇرلار يېتىشتۈرگەن «ئۇيغۇر قاراخانلى قوغۇنى» ماركىلىق قوغۇنى. 2014-يىلى ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر ئېلىدىن يېڭى چىققان ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە «ئۇيغۇر قاراخانلى قوغۇنى» ماركىسىدا قوغۇن يېتىشتۈرۈپ بازارغا سالدى.

بۇ قوغۇنلارنى ئابباس كېرىمئوغلۇ ۋە ئابدۇللا قاتارلىق ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ مانىسا ۋىلايىتى قىرىقئاغاچلار ناھىيىسىدىن ئىجارىگە ئالغان يەرگە، تۇرپاندىن ئېلىپ كەلگەن قوغۇن ئۇرۇقىنى تېرىش ئارقىلىق يېتىشتۈرگەن ئىكەن.

ئابباس كەرىمئوغلۇنىڭ ئېيتىشىچە، قوغۇننىڭ ماركىسى «ئۇيغۇر قاراخانلى قوغۇنى» دەپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدە تونۇتۇش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىسى ۋە تەتقىقاتچى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە تىجارەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تونۇلغان بىر ماركا تىكلىيەلمىگەنلىكىنى، «ئۇيغۇر قاراخانلى قوغۇنى» ماركىسى بىلەن ئۇيغۇر قوغۇنىنىڭ بازارغا سېلىنىشى بىلەن كېلەچەكتە بۇنىڭ ئۇيغۇر ماركىسى بولۇپ تونۇلىدىغانلىقىنى چۈنكى بۇ قوغۇننىڭ تۈركىيەدە رەقىبى يوقلۇقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ، سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەدە كۆپ ئەۋزەللىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.