خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

15-سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى» توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى» توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

خەۋەرلەردە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-سېنتەبىردىن 13-سېنتەبىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن تۈركمەنىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى. بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك توغرىسىدا توختام تۈزدى.

«خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى» دېگەن يىغىندا سۆز قىلغان دوكتور ئەكرەم ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇقۇمى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاي تارىخىدا ئوتتۇرا ئاسىيا چۈشەنچىسى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى ۋە ۋاسىتىلەر، شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى ۋە سىياسەتلىرى، شى جىنپىڭنىڭ غەربكە ئېچىش ئىستراتېگىيىسى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسەتلىرىدە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە توسالغۇلار دېگەن مەزمۇنلاردا سۆز قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتىنىڭ مەقسەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ مەقسىتى، دۆلەت مەنپەئەتىگە نىسبەتەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتى. ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئوتتۇرا شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە بولغان ئارىلىقلاردا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي ۋە تىجارەت مەنپەئەتلىرىگە نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت بازىلىرىنى ۋە بازار ئىگىلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش سىياسىتى. گىئوپولىتىك مەنپەئەتلىرىگە نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيادا، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەسىرى بولغان دۆلەتلەرنىڭ تەسىر كۈچىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت.

تۈركىيە ئاخباراتلىرىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىكنى ئاساس ئورۇندا قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بىر تەرەپتىن ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ بۇ دۆلەتلەرگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى قوللاش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش، ئۇلارنى كۆزىتىش ۋە ئۇلار ھەققىدە مەلۇمات ئالماشتۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكتور ئەركىن ئەركىن ئەكرەم خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ پىكىر بايان قىلدى.

خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتىن تەرەققىي قىلغانسېرى ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى ئېشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ بىر قىسمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قامداش ئۈچۈن، تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن تۇرۇبا يولى ئارقىلىق نېفىت يۆتكەشنى مەقسەت قىلغان ۋە بۇ دۆلەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى. ئەمما، خىتاينىڭ بۇ ئۈچ دۆلەتتىن باشلانغان نېفىت تۇرۇبا يولى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر ئىلى ئارقىلىق خىتاينىڭ لەنجۇغا تۇتىشىدىكەن. شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، تۈركمەنىستان بىلەن تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياساش ۋە ھەر يىلى 65 مىليارد كۇپمېتىر تەبىئىي گازنى خىتايغا يۆتكەش توغرىسىدا توختام تۈزدى. قازاقىستان بىلەن ئىستىخبارات ‏-ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئۆزبېكىستان بىلەن 15 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئىقتىسادى كېلىشىم، قىرغىزىستان بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى جەريانىدا، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، ئېنېرگىيە، ئىستراتېگىيە، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈش بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچكە ئورتاق قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى تۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئېنېرگىيە نېفىت يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق بىر تەدبىر ئېلىش توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.