نۇرمەمەت مۇساباي: «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ياشلىق خاتىرەمدىكى ئەڭ يارقىن ئەسلىمە (2)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى كۆلىمى زور، تەسىرى چوڭقۇر بولغان دەۋر بۆلگۈچ زور ۋەقە دەپ باھا بېرىلىدىغان 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» ئۆز نۆۋىتىدە يەنە 1980-يىللاردىكى دۇنيا كوممۇنىزم لاگېرىدا كۆرۈلگەن ئەڭ دەسلەپكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى دەپ ھېسابلىنىدۇ.

12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى يېتەكچىلىرىدىن نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تەجرىبىلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى 12-دېكابىر ئەسلىمىلىرىنىڭ ياشلىق خاتىرىسىدىكى ئەڭ ھاياجانلىق يارقىن ئەسلىمىلەر ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

بۈگۈن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى، ئەنە شۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىق تەلەپلىرى ۋە قانداق جاۋابلانغانلىقى دائىرىسىدە داۋام ئەتمەكچى.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا يەنە، نۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ «بىر جەمئىيەت ۋە دەۋر، شۇ دەۋرنىڭ ستۇدېنتلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟» دېگەن تېمىدا قىلغان قىممەتلىك سۆزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.