ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 2015 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدە توقۇنۇش ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئۆكسۈمەي يۈز بېرىپ تۇرغانلىقى مەلۇم. رادىئومىز رايوندا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ۋە باستۇرۇشلاردا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلارنى ئىگىلىگەن ئىدى.
1. 18 - سېنتەبىر باي كۆمۈركان توقۇنۇشىدا، 5 نەپەر خىتاي ساقچىسى ۋە كۆمۈركاندىكى خىتاي خوجايىن، ئىشلەمچىلەردىن بولۇپ 50 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغان. ۋەقەدىكى ھۇجۇمچىلاردىن 28 كىشى ئۆلگەن. ۋەقەدىكى گۇماندارلارغا چېتىلىپ 40 تىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «خىتاي ئارمىيە گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىقلار 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋەر بېرىپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ 56 كۈن ئىز قوغلاش ئارقىلىق 18 - سېنتەبىر كۈنى باي ناھىيىسىدە ۋەقە پەيدا قىلىپ، قېچىپ يۈرگەن مۇسا توختىنىياز قاتارلىق ئاتالمىش «28 نەپەر تېررورچىنى يوقاتقانلىقى، ئۇلاردىن بىر نەپىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.
ئەمما رادىئومىز 22 - سېنتەبىردىن باشلاپ بۇ گۇماندارلار ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇرلارنى بەرگەن. رادىئومىز تەرىپىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، خىتاي تاراتقۇلىرىدا قوراللىق قىسىملار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ، بۇ يىل 18 - سېنتەبىر كۈنى باي سوغان كۆمۈر كان ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك باي كانچى يېزا چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئەزالىرىدىن مۇسا توختىنىياز قاتارلىق 3 جەمەت كىشىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى ئىكەنلىكى، ئارىسىدا 4 ئايال ۋە 3 بالىنىڭمۇ بارلىقى ئايدىڭلاشقان.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن 28 كىشىنىڭ ئىچىدە، يەرلىك دائىرىلەر دەسلەپكى مەزگىللەردە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 17 نەپەر ھۇجۇم گۇماندارى بارلىقى، 3 ئائىلىدىن تەركىب تاپقان بۇ كىشىلەر ئارىسىدا 3 نەپەر نارەسىدە بالىمۇ بارلىقى مەلۇم. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىنمىغان.
رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن چارۋا مەيدان مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر 3 جەمەتنىڭ چارۋا مەيداندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىنلا 40 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.
باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن يېتەكچى مۇسا توختىنىيازنىڭ كېلىنلىرى گۈلمىرە توختى ۋە رەشىدەم روزى قاتارلىقلار جورىلىرى ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.
مۇسا توختىنىيازنىڭ سىڭلىسى چارۋا مەيداننىڭ ئاياللار مۇدىرى، كۈيئوغلى ئەمەت سىدىق چارۋا مەيدان مۇئاۋىن سېكرېتارى بولسىمۇ، ئۇلار قېرىنداشلىرىنىڭ كەيپىياتى ۋە ھەرىكەت پىلانلىرى ھەققىدە دائىرىلەرگە مەلۇمات بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
17 نەپەر گۇماندار تىزىملىكىدىكى مەمەت ئەيسا بېقىۋالغان 9 ياشلىق مۇنىرە مەمەتنىڭ ئۆز دادىسى تۇرغۇن مەمەت بولسا، مەمەت ئەيسا ھەققىدە خەۋەر بەرمىدى دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.
*********************************************
2015 - يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، سوتلانغانلار ئىچىدە «خىتاي چېگراسىنى بۇزۇپ چەتئەلگە قاچقان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ سوتلانغانلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەن ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئۇچۇرلىرىنى تارقاتتى، كۆردى» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 45 كىشى «جىھاد» ئۈچۈن چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 27 - ئاۋغۇست خوتەن، قەشقەر، قاراماي، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا سوت ئېچىلىپ، 45 كىشى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈپ «جىھاد» قا مېڭىش ۋە قاچاقچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇلاردىن قاچاقچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن 18 كىشىنىڭ خەنزۇ، قالغانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر شەھىرىدە 8 ئۇيغۇر سوتلانغان. ئۇلاردىن 5 نەپىرى تاجىكىستان چېگراسىدا تۇتۇلۇپ قېلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇلار 8 يىلدىن 10 يىلغىچە قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.
خوتەن شەھىرىدە 3 ئۇيغۇر 10 يىلدىن 15 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئۈچەيلەن ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ساختا تۈرك پاسپورت بىلەن تۇتۇلۇپ قالغان. ئۇلار «رادىكال دىنىي مەزمۇنىدىكى ماتېرىياللارنى ئوقۇپ، شۇنىڭ تەسىرىدە چەتئەلگە چىقىپ جىھاد قىلىش قارارىغا كەلگەن» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ سوتلانغان.
قاراماي شەھىرىدە 18 خىتاي ئايرىم - ئايرىم 2 دېلودا باشقىلارنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشكە تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان. بىر دېلودا ۋېي خەي، چېن چياڭگو قاتارلىق ئۈن ئۈچەيلەن 305 كىشىنى قانۇنسىز ۋىيېتنامغا ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
********************************
3. رادىئومىز 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ئايكۆل بازىرىدىكى 18 ياشلىق ئېلى مامۇت، بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سوتلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. سوتقا ئائىلىسى قاتناشتۇرۇلمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئېلى مەمەت 2014 - يىلى ئاقسۇدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى شامىلىدا 2014 - يىلى 9 - ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان.
سوتتا ئۆسمۈر ئېلى مامۇتقا تېررورلۇق گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ بىر قالپاق كىيدۈرۈلگەن، ئەمما ئېلى مامۇتنىڭ ئائىلىسىگە ئۇ قۇرغان تەشكىلاتنىڭ بىرەر ھەرىكىتى ياكى پروگراممىسى ۋە ھەتتا نامى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلمىگەن.
مەھبۇس ئېلى مامۇتنىڭ دادىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلى مامۇتنىڭ تۇتۇلۇشىغا قول تېلېفونى سەۋەب بولغان، ئۇنىڭ مەكتەپتە تېلېفون ئوينىغان بالىلارغا باشلامچىلىق قىلىشى تېررورلۇققا رەھبەرلىك قىلىش دەپ قارالغان.
******************************************
4. رادىئومىز 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن، بۇ يىل 7 - ئاينىڭ ئاخىرى ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدە 30 نەپەر ئۇيغۇر ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» جىنايىتى ئارتىلىپ سوتلانغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ياشلىق دەۋرىگە ئەمدىلا قەدەم قويغان ئۆسمۈرلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلاردىن 17 ياشلىق ھۈسەنجان تېلېفوندا «دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇر تارقاتقان» لىقى ئۈچۈن 15 يىللىق كېسىلگەن.
*****************************
5. بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 109 ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە 2 نەپىرى بۇ يىل 9 - ئاي مەزگىلىدە يۇرتى ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيىسىگە ئېلىپ كېلىنىپ، سوتلانغان.
0:00 / 0:00