5-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.07.05
Myunxen-2018-5-iyul-01.jpg 5-ئىيۇل ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 5-ئىيۇل. ميۇنخېن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى تور تېلېۋىزىيىسى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنىڭ 9 يىللىقىنى كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەشكە چاقىرغان ئىدى. مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» مۇ مۇھاجىرەتتىكى باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بۈگۈن ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇردى.

تېخى بۇندىن 3 ھەپتە ئىلگىرى د ئۇ ق 1988-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» پائالىيىتى تەشكىللىگەن ئىدى. بۇ پائالىيەت ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن گېرمانىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي زۇلۇملارغا قارشى نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشقان ھەمدە «شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق!» دەپ شوئارلار توۋلاشقان ئىدى. 

بۈگۈنمۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى، تۈرلۈك تەشۋىقات لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ئۇيغۇر جامائىتى «خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن! جازا لاگېرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشماقتا.

بۇ نامايىش بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 4-قېتىملىق نامايىش بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇندىن ئىلگىرى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ۋە «5-ئاپرېل بارىن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇندىن باشقا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار يەنە 27-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» قا ھەمدە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا قاتناشقان ئىدى.

د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ ئەزاسى بولغان تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى نامايىش مۇقەددىمىسىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا ۋەكىلى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان نامايىش جەريانىدا گېرمان جامائىتىگە «5-ئىيۇل ۋەقەسى» ۋە ئۇنى خاتىرىلەشتىكى مەقسەتنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «تاكى ئازاد شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى دۇنياغا كەلمىگۈچە كۈرەشلىرىمىز داۋام قىلىدۇ،» دېدى. د ئۇ ق فوندىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل قارىھاجىممۇ بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 دىن 17:30 غىچە داۋاملاشقان نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرچە، گېرمانچە، خىتايچە شوئارلار ئۈزۈلمەي توۋلىنىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىنى لەرزىگە سالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.